• چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-07 03:38
  • چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ

    مۇخبىرىمىز گۈلرۇخ يالقۇن خەۋەر قىلىدۇ: 1-فېۋرالدىن باشلاپ شەھىرىمىز مەملىكەت بويىچە بىردەك چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئوخشاشلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغان يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىلىق تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ مەزگىلدە تاشيوللاردا قاتناش ئېقىمى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

    چاغان مەزگىلىدە يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى بولىدىغان بەش بېسىق مەزگىل تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:

     1. 1-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلگە چىقىپ يۇرتلىرىغا قايتىدىغان بېسىق مەزگىلى؛ 

     2. 11-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە چاغاننىڭ ئالدىدىكى تۇغقان يوقلاش ۋە يۇرتىغا قايتىش بېسىق مەزگىلى؛

     3. 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە يېزا رايونلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاش بېسىق مەزگىلى؛

     4. 21-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە خىزمەتچىلەرنىڭ چاغاندىن كېيىنكى خىزمەت ئورنىغا قايتىش بېسىق مەزگىلى؛

     5. 3-مارتتىن 14-مارتقىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىدىن قايتىش بېسىق مەزگىلى ئىكەن.

      ئۇنىڭدىن سىرت، قاتناش ساقچىلىرى ئىلگىرىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى قاتناش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شەھىرىمىزدە چاغان مەزگىلىدە قاتناش ھادىسىسى ئاسان يۈز بېرىدىغان 61 يول بۆلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ يول بۆلەكلىرى «تەڭرىتاغ» رايونىدىكى«نۇرلۇق» يولى، «شىنخۇا» جەنۇبىي يولى،«غالبىيەت» يولى، «خەلق» يولى، «ئىتتىپاق» يولى،«فۇكاڭ» كوچىسىنىڭ جەنۇبىي 1-كوچىسى،«يەنئەن» يولى،«داۋان» شىمالىي يولى؛ «سايباغ» رايونىدىكى «غەربىي شىمال» يولى، «تۆشۈكتام» يولى، «دوستلۇق» يولى، «قاراماي» غەربىي يولى، «ئالتاي» يولى،«جۇجياڭ» يولى، «يامالىق تېغى» ئوتتۇرا يولى، «يامالىق تېغى» شىمالىي يولى؛ يۇقىرى يېڭى تىخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دىكى«بېيجىڭ» جەنۇبىي ۋە شىمالىي يولى، «مەرھابا» يولى، «سۇجۇۋ» يولى، «يۇمىلاقتاغ» يولى، «قەشقەر» شەرقىي يولى، «خېنەن» شەرقىي يولى، «چاڭچۈن» يولى، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرىسىتېتى» يولى؛ «بۇلاقتاغ» رايونىدىكى «چىداۋان» يولى، «يېكەنكۆل» شەرقىي، غەربىي، شىمالىي، جەنۇبىي يوللىرى، «ئارشاڭ» يولى، «ليۇداۋان» يولى، «سۇجۇۋ» شەرقىي يولى؛ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) دىكى ئۆلكە تاشيولى 104-، 107-لىنىيەلىرى، «ئوتتۇرا ئاسىيا» چوڭ يولى، «تۇدۇڭخابا» تاشيولى؛ «داۋانچىڭ» رايونىدىكى دۆلەت تاشيولى 314-لىنىيەسى؛ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى «مىچۈەن-كۆكتاغ» جەنۇبىي يولى، «يۇڭشۈن» كوچىسى،«گۇمۇدى» ئوتتۇرا يولى؛ شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى شەرقىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى، غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى، ساي يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى «تەڭرىتاغ» چوڭ يولى، ئۆلكە تاش يولى 103-لىنىيەسى، دۆلەت تاشيولى 216-لىنىيەسىنىڭ ئارقا قىسلاڭ يولى بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك