• پىسخىكىلىق سىناق: سىز سەبىي بالىمۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-09 01:23
  • پىسخىكىلىق سىناق: سىز سەبىي بالىمۇ؟

    پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى ئۇلارنىڭ ئالاقە دائىرىسىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر قىلچە مۇداپىيە كۆرمەستىن، قايتا-قايتا كىشىلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ كېتىدۇ؛ بەزى كىشىلەر تۇغما ئېھتىياتچان بولۇپ، باشقىلار تاش ساناپ بولغۇچە، ئۇلار قۇم ساناپ بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ماھىيىتىڭىزنى بىلىۋېلىشىڭىز سىزنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا پايدىلىق.

    تۆۋەندىكى مەنزىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ:

    A. ئەر ئاۋۋال ماڭىدۇ، ئىككىسى ئايال بار تەرەپتىن يىقىلىدۇ.

    B. ئايال ئاۋۋال ماڭىدۇ، ئىككىسى ئەر بار تەرەپتىن يىقىلىدۇ.

    C. ھەر ئىككىلىسى ماڭماستىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالىدۇ.

    D. ئىككىسى تەڭ مېڭىپ، ئوتتۇرىدىكى نۇقتىغا كەلگەندە قۇچاقلىشىدۇ.


    جاۋابلار:

    Aنى تاللىغانلار: ئىچ مىجەز، ئەتراپلىق ئىش كۆرىدىغانلاردىن

    سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىز ئىنتايىن سىپتا ۋە مول مەزمۇنلۇق، باشقىلار بىلەن تالىشىشنى ياقتۇرمايسىز، لېكىن بۇمۇ دەل سىزنىڭ كىشىلىك ئالاقىدە كۈچلۈك بولغان قورالىڭىزدۇر، سىز ھېلىقىدەك نەيرەڭۋاز، ھىيلىگەر كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا قانداق ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىسىز. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالايسىز، ئۆزگەرمەس خاراكتېرىڭىز بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرالايسىز. مەيلى قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئازدۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ھامان ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىن يولىمايسىز. ھەتتا زۆرۈر بولغاندا يەنە ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنىمۇ بىلىسىز. كۆپ ئەھۋاللاردا سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭىز بىر قەدەر ئاددىي ۋە پۇختا بولۇپ، سىز يېنىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ خىل ئوي-پىكرى بىر قەدەر ساددا بولغان ئادەملەردۇر.

    Bنى تاللىغانلار: ئالدىراڭغۇ ۋە راستچىل

    سىزنىڭ مىجەزىڭىز ئوچۇق، كۈن بويى گەپ يورغىلىتىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىدىغان ئىچى تار ئادەملەرگە ئۆچلۈك قىلىسىز. باشقىلارنىڭ سېسىق گەپ قىلىشى ياكى كىنايە قىلىشىنى تېخىمۇ ياقتۇرمايسىز. ئەگەر سىز ھىيلە-مىكىرگە ماھىر ئادەملەرگە دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، سىزمۇ ئۇنى قاتتىق تىللاشنى بىلىسىز، گەرچە بەزىلەر سىزنى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى، يەڭگىللىك قىلدى دېسىمۇ، لېكىن سىز ۋىجدانىڭىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمىغان بولسىڭىزلا، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ياشاشنى بىلسىڭىزلا بولدى. سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ ئالىسى تېشىدا ئايرىلغان، ياكى بولمىسا سىز بىلەن پىكىرى بىر يەردىن چىقىدىغان دوستلىرىڭىز، ياكى بولمىسا دەل سىز بىزار بولىدىغان ئادەملەر.

    Cنى تاللىغانلار: ھىيلە-مىكىرگە ئۇستىلار

    ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ ھېلىقىدەك ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلىسىڭىزلا، سىزنىڭ ئىپادىڭىز ناھايىتى دانا ھەم ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇپ كېتىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا ئالدى بىلەن تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىسىز، ئاندىن تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئويلايسىز، ھەرگىزمۇ قاراملىق بىلەن ئىش كۆرمەيسىز. بەزىدە قارشى تەرەپ سىزنىڭ كولىغان ئورىكىڭىزگە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاپ كىرىپ كەتسىمۇ، چوڭقۇر ئورەك ئىچىدە ھېچنېمە قىلالمايدۇ. قىسقىسى، باشقىلار سىزنىڭ سەۋر چېكىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلغاندا، سىز چوقۇم ئەقىللىق كاللىڭىز ۋە ھىيلىڭىز بىلەن قارشى تەرەپنى مەغلۇب قىلىسىز ۋە قارشى تەرەپنى سىزنىڭ قويغان چەكلىمىڭىزگە خىلاپلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىۋېتىسىز.

    Dنى تاللىغانلار: رىۋايەتلەردىكى ئەخمىقانە ئوماق ۋە كالۋا

    تۇرمۇشتا سىز ئوچۇق-يورۇق، ئۈمىدۋار، ئادەم بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ھەزەر ئەيلەشنى پەقەتلا بىلمەيسىز. سىز ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە ئادەمگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىسىز، ھالبۇكى، سىزنىڭ زىتىڭىزغا تەگكەن ھەتتا سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەملەرگە نىسبەتەن سىز ھەرگىزمۇ ئۇلارغا «چۈپرەندە» دېگەن ماركىنى چاپلاپ قويماي، ئەكسىچە يامانلىققا ياخشىلىق قىلىسىز، ھەتتا ئۇلار خەتەرلىك پەيتتە ياردەم قولىڭىزنى سۇنىسىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق خاراكتېرىڭىز باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۇچىغا چىققان «ئىللىق قوزىچاق» بولۇپ، دوستلىرىڭىز ئارىسىدا بولسا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشىسىز.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك