• 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى

  • يوللىغۇچى : ئەندەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-09 11:32
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى

    جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھازىر چاغان ئۆتكۈزۈش بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چاغان ئۆتكۈزۈشمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تۆۋەندە بىز بىر قىسىم ئەينى يىللاردىكى چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

    1950-يىلى بېيجىڭ، بۇ قېتىملىق چاغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چاغان بولغاچقا، رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ سۈرەتلىرى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

    1953-يىلى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، تيەنجىندىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ بىللە تاماق يېمەكتە.

    بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەر بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزمەكتە.

    چاغاندا ياخشى يەپ ئىچكەندىن باشقا، بالىلار يۈزىگە ھەرخىل نىقابلارنى تاقاپ خۇشال ئوينىماقتا.

    چاغاندا يېڭى كىيىم كىيىدۇ، شۇڭا كىشىلەر «قىزىل بايراق سودا سارىيى» ۋە «تۈرلۈك ماللار ماگزىنى»غا بېرىپ كىيىم سېتىۋالماقتا.

    ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم يېڭى كىيىم سېتىۋالالمايدۇ، بەزى ئانىلار باللىرىغا ئۆزى كىيىم تىكىپ بېرىدۇ.

    چاغاندا پوجاڭزا ئېتىش بالىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.

    1956-يىلى چاغان، يېزىدىكى كىشىلەر رادىيودا يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىماقتا. (دۆلىتىمىزدە تۇنجى رەڭسىز تېلېۋىزور 1958-يىلى ئىشلەنگەن).

    ئەينى ۋاقىتتا تېلېۋىزور ۋە كومپىيوتېر قاتارلىقلار بولىمغاچقا، كىشىلەر چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرەلمەيتتى، شۇڭا خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ئويۇن كۆرۈش ئەڭ مودا ھېسابلىناتتى.

    1960-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغانلىق دالا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەڭ قىززىيتتى، كىشىلەر تيەنئەنمېن مەيدانى ئالدىدا يۈگۈرمەكتە.

    70-يىللىرىنىڭ بېشىدا سۈرەتكە چۈشۈش مودا بولغان، كىشىلەر چىرايلىق كىيىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغان.

    1983-يىلى، مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى قويۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ چاغانلىق چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈشىدە كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىگە ئايلانغان.

    80-يىللاردا، رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە ئۈنئالغۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن، ھەمدە كىشىلەر چاغاندىن ئىلگىرى سېتىۋالدىغان مۇھىم بويۇمغا ئايلانغان.

    مەنبەسى :بۈگۈنكى خەۋەرلەر


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك