• دىققەت: يانفونىڭىزدا ھەرگىز بۇ نەرسىلەرنى ساقلىماڭ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-11 06:23
  • دىققەت: يانفونىڭىزدا ھەرگىز بۇ نەرسىلەرنى ساقلىماڭ

    بۈگۈنكى كۈندە يانفون كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلاندى. كىشىلەر يانفون ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن دەل ۋاقتىدا ئالاقىلاشقاندىن باشقا، يەنە تورغا چىقىپ ئېھتىياجلىق ئۇچۇلارغا ئېرىشىدۇ.

    بىراق، يانفون كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن خەتەر كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفونىڭىزدا ھەرگىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى ساقلىماڭ.

    بىرىنچى، كىملىكىڭىزنىڭ سۈرىتىنى ساقلىماڭ.

    2017-يىلى 6-ئايدا نەنجىڭ گۇاڭخۇا ساقچىخانىسى شەھەر ئاھالىسى جۇ ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇنىڭ يانفونى ئوغرىلانغانلىقى ھەم بانكا كارتىسىدىكى 5000 يۈەن يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ يانفون ئېكرانىنىڭ مەخپىي نومۇرى يوق بولۇپ، ساقلانغان سۈرەتلەر ئارىسىدا كىملىك ۋە بانكا كارتىسىنىڭ سۈرىتى بار ئىدى.

    ئوغرى ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئاچقاندىن كېيىن مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا پۇل تۆلەش تۈرىنى تاللاپ جۇ ئەپەندىنىڭ كىملىك ۋە يانفون نومۇرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ پۇللىرىنى ئوغرىلىۋالغانىدى.

    ئاگاھلاندۇرۇش:

    يانفونىڭىزدا كىملىكىڭىزنىڭ سۈرىتىنى ساقلىماڭ. ھازىر نۇرغۇن ئەپلەردە (APP) كىملىكنى دەلىللەش تەلەپ قىلىنىدۇ، كىملىكنىڭ سۈرىتىنى يانفوندا ساقلاش قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇللىرىنى يۆتكەپ كېتىشىگە بىر ئۇنىۋېرسال مەخپىي نومۇر بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلەتكەندە بىر يېرىگە ئىلاۋە يېزىپ قويۇپ، كىملىك ئۇچۇرى ئوغرىلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، بانكا كارتىسىنىڭ سۈرىتىنى ساقلىماڭ.

    2016-يىلى ۋېنجۇدا بېزەكچىلىك قىلىدىغان جاڭ ئەپەندىنىڭ قول ئاستىدىكى تەن xx ئۇنىڭ يانفونىنىڭ قول ئىشارىتى مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، پۇرسەت كۈتۈپ يانفونىنى ئوغرىلىۋالدى ھەم بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى يۆتكىۋالدى. 

    تەن xx قولغا چۈشۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى جاڭ ئەپەندىنىڭ يانفونىدىكى بانكا كارتىسىنىڭ سۈرىتى ئىدى. تەن xx بۇ يانفوننىڭ نومۇرى ۋە بانكا كارتىسىنىڭ بانكىدا قالدۇرۇلغان «ئېھتىيات نومۇرى» ئارقىلىق جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۈندىدارىنى مۇشۇ بانكا كارتىسىغا باغلىغان.

    دىققەت: بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن بانكا كارتىسىنىڭ سۈرىتىنى يانفوندا ساقلىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە ئېلخەت ساندۇقىدىكى بانكا كارتىسىنىڭ سۈرىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

    يانفوندا پۇل تۆلەش دېتالى ھەمدە يانفونغا باغلانغان بانكا كارتىسىدا كۆپ پۇل ساقلاشقا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى، نوپۇس دەپتىرىڭىزنىڭ سۈرىتىنى ساقلىماڭ.

    نوپۇس دەپتىرى ئۆي سېتىۋېلىش، پاسپورت بېجىرىش، ۋىزا قويدۇرۇش، نىكاھقا تىزىملىتىش، كىملىك بېجىرىش، تۇغۇت رۇخسىتى ئىسپاتى ئېلىش قاتارلىق بىر مۇنچە ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئېلېكترونلۇق ئىش بېجىرىش سۈرئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەر نوپۇس دەپتىرىنىڭ سۈرىتىنى يانفونىدا ساقلىۋالىدىغان بولدى. بىراق، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشنىڭ خەتىرى بىرقەدەر چوڭ.

    ئەسكەرتىش:

    نوپۇس دەپتىرىدە دەپتەر ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئائىلە ئادرېسى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىملىك نومۇرى، يۇرتى، خىزمەت ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلار ساقلانغان بولىدۇ.

    بۇ ئۇچۇرلار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ھەرخىل جىنايى قىلمىشلارغا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

    تۆتىنچى، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سۈرەتلەرنى ساقلىماڭ.

    يانفوندا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سۈرەتلەرنى تارتماسلىق، بۇنداق سۈرەتلەرنى يانفوندىمۇ ساقلىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇنداق قىلمىغاندا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن باشقا، يەنە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا قاقتى-سوقتى قىلىشى مۇمكىن.

    بەشىنچى، مەخپىي نومۇرنى يانفوندا خاتىرىلىمەڭ.

    ھازىرقى يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئەسلەتمە ۋە باشقا خاتىرىلەش دېتاللىرى سەپلەنگەن. شۇڭا بەزىلەر قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يېڭىدىن بېكىتكەن بانكا كارتىسى مەخپىي نومۇرى، سۆزلىشىش دېتالى مەخپىي نومۇرى، ئېلخەت ساندۇقى مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى يانفونىغا خاتىرىلىۋالىدۇ.

    بىراق، ئۇلار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئۇچۇرلارنى چىقىرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يانفون يۈتۈپ كەتسە ساقلانغان مەخپىي نومۇرلارمۇ ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، يانفوننى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرمەسلىك، ئارىيەتكە بەرگەندىمۇ قانداق مەشغۇلات قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆزى كۆرۈپ تۇرۇش كېرەك.

    ئالتىنچى، خۇسۇسىي ئۇچۇرلار يوللانغان سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ساقلىماڭ.

    يېرىم ئاي ئىلگىرى ساياھەتچى جاڭ خانىم شېنجېن شىمالىي پويىز ئىستانسىسىدا يانفونىنى يۈتتۈرۈپ قويدى ھەم ئويلىمىغان يەردىن بانكا ھېساباتىدىكى 13 مىڭ 190 يۈەندىن ئايرىلىپ قالدى.

    ئەسلىدە جىنايەت گۇماندارى جاۋ xx يانفوننى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاددىي مەخپىي نومۇرلارنى قالايمىقان بېسىش نەتىجىسىدە يانفوننى تۆت دانە «8» ئارقىلىق ئېچىۋالغان، ئارقىدىن، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانىنىڭ پۇل يۆتكەش مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋالغان، ئاخىرىدا جاڭ خانىمنىڭ يانفون ھېساباتىكى بارلىق پۇللارنى توققۇز قېتىمغا بۆلۈپ يۆتكىۋالغان.

    ئەسكەرتىش: يانفون ئىشلەتكەندە كىشىلەر ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا نۇرغۇن خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى يانفونىدا ساقلىۋالىدۇ. تەكلىپ: يانفوندا ئائىلە ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ساقلىماسلىق، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن سۆزلىشىش خاتىرىسنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.

    يانفون، بانكا كارتىسى ۋە كىملىك تەڭلا يوقاپ كەتكەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

    1. يانفون تىجارەت زالىغا تېلېفون قىلىپ يانفون نومۇرىنى كۈچتىن قالدۇرۇش؛

    2. بانكىغا تېلېفون قىلىپ بانكا كارتىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇش؛

    3. يانفون نومۇرىنى چىقىمدانغا باغلىغانلار 95188گە تېلېفون قىلىپ كۈچتىن قالدۇرۇش؛

    4. ئۈندىدار ئابۇنتلىرى 110.qq.comغا چىقىپ ئۈندىدار ھېساباتىنى توڭلىتىش؛

    5. نوپۇس تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ يۈتكەن كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

    6. يانفون كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك