• ئاياللارنىڭ تېنى زەئىپلىشىپ كەتسىلا سەتلىشىپ كېتىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-13 12:53
  • ئاياللارنىڭ تېنى زەئىپلىشىپ كەتسىلا سەتلىشىپ كېتىدۇ

    ئاياللاردا قان زەئىپلەشسە روھسىزلىنىدۇ، چىرايى تاتىرىپ سارغىيىدۇ، كالپۇك تىرناقلىرىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئېقى دۇغلىشىپ سارغىيىش، قىزىل قان تومۇرلار پەيدا بولۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆزىنى چوڭ ئاچالماسلىق، كۆز خالتىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ شۇنداقلا قان يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلگىرىكى قاپقارا، قويۇق، سىلىق چاچلارنىڭ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشى، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشى، چاچ رەڭگىنىڭ سارغىيىشى قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى.

    تەپسىلىي قارايدىغان بولساق كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك نەزىرىدە سەت دەپ قارىلىدىغان نەرسىلەر، مەسىلەن چىرايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان چېكىسى تار، پاناق بۇرۇن، ئېڭىكى كىچىك، يەنە مەسىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ھەرىكىتىدىكى تىز پۈكۈپ خۇشامەت قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق تەكەللۇپ قىلىش قاتارلىق ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان بۇ قىياپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بولسا فىزىئولوگىيىلىك ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.


    بەلكىم جۇڭيى تىبابىتى نەزەرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرسە چۈشىنىشكە تېخىمۇ ئاسان بولۇشى مۇمكىن، كۆپىنچىسى جۇڭيى تىبابىتىدىكى «بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش»، «بۆرەك مۇسبەتلىكتىن زەئىپلىشىش» سەۋەبىدىن، چۈنكى ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتىن ئىنسانلارنىڭ قىياپىتى، ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە گېنلار تولۇق ئىپادىلەنمەيدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن تاشقى قىياپىتىدىنلا ئايرىلىپ قالماي يەنە كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ساغلاملىقتىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا تەننىڭ زەئىپلىشىشى بولسا چىراي سەتلىشىپ كېتىشنىڭ ئاساسى، چىراينىڭ سەتلىشىپ كېتىشى بولسا تەن زەئىپلىشىشنىڭ سىگىنالى.

    ھەر قانداق زەئىپلىشىشنىڭ ھەممىسى قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج دېيىش خاتا

    تۇرمۇشىمىزدا كۆپىنچە قىز-ئاياللارنىڭ قول-پۇتى ئىسسىمايدۇ، بەدىنى ئاجىز، دائىم جۇڭيىچە رېتسىپلار ئارقىلىق كۈتۈنۈپ تۇرىدۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دۇختۇرخانىسى تال ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يەن كۆپچىلىككە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تېنى ئاجىز  ئاياللار چوقۇم بەدىنىنى قۇۋۋەتلىشى كېرەك دېيىش توغرا ئەمەس.

    تېنى ئاجىز بولۇش مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىر خىلى تۇغۇلۇشىدىنلا تەن قۇۋۋىتى ئاجىزلار، بۇ تۈردىكى ئاياللارنىڭ ئاسانلا پۇت-قولى توڭلايدۇ، لېكىن بەدىنىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ياخشى، ئۇنداقتا بۇ تۈردىكى ئاياللارنىڭ كۈتۈنۈشى(قۇۋۋەت قىلىدىغان يېمەكلىك يېيىش ياكى دورىلارنى ئىشلىتىپ كۈتۈنمەك) ھاجەتسىز، كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىغا بارسا بىرىنچىدىن سەرىپ قىلغان ۋاقىت ئۇزۇن، ئېرىشكەن ئۈنۈم ئاز، ئىككىنچىدىن ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشىمايدۇ، تەن ساغلام بولسىلا كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

    يەنە بىر خىلى بولسا بەدەن ئەھۋالىنىڭ بۇرۇنقىدىن ناچارلىشىپ كېتۋاتقانلىقىنى روشەن ھېس قىلىش، مەسلەن ئىش قىلغاندا بۇرۇنقىدەك روھلۇق بولالماسلىق، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئىشتىھاسى بۇرۇنقىدىن ناچارلىشىش، يەنە كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن دەم ئېلىشنى تەرتىپكە سالسىمۇ ياخشىلىنىش بولماسلىق، ئۇنداقتا بۇ تۈردىكى ئاياللار جۇڭيىچە كۈتۈنۈشكە ئېھتىياجىلىق.


    كۈتۈنۈشتىن ئاۋۋال تەن سۈپىتىنى ئايرىش

    مۇۋاپىق كۈتۈنۈش تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق، كونىلاردا:« دورا ئارقىلىق تولۇقلىغاندىن يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغان ياخشى، يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغاندىن روھىي جەھەتتىن تولۇقلىغان ياخشى» دېگەن گەپ بار. شۇڭا ئاياللار كەيپىياتىنى خوشال تۇتۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ مۇۋاپىق غىزالىنىش لازىم.

    كۆپىنچە ئاياللار يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەتلىنىش قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراپ دائىم بەزى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش ئىلمىي ئەمەس. بەزى ئاياللارنىڭ قېنى زەئىپلەشكەن بولىدۇ، بۇلار مۇۋاپىق مىقداردا كالتىسىي ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، بەزى ئاياللارنىڭ بەدىنىنى بولسا ھۆل ئىسسىق قاپلاپ تال زەئىپلەشكەن بولىدۇ، زىيادە مايلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، ئۆز بەدەن ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرمەيلا كالتىسىي قاتارلىقلار بىلەن قۇۋۋەت تولۇقلىسا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئىچ سۈرۈش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

    بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن كەيپىياتنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇزۇن ۋاقىت جىددىيلىشىش ئاچچىقلىنىش ۋە زىيادە قايغۇرۇش جىگەرگە زىيانلىق بولۇپ قان يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردا قان زەئىپلىشىشتىن باشقا يەنە مەنپىيلىك زەئىپلىشىشمۇ تەن ئاجىزلىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ياشتا چوڭ ئاياللار ھەرىكەت ۋە يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەيىز كېسىلىش دەۋىرىنىڭ كېلىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

    ئارام ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولمىغاندا مۇسبەتلىككە زەرەر يېتىدۇ، ھەر كۈنى بالدۇر ئۇخلايدىغان، تۈنىمەيدىغان، قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئاياللارغا ئىنتايىن مۇھىم، ھەرىكەت بەك ئاز بولسا تومۇرلار راۋان بولماي قان ھاسىل قىلىش يولى توسۇلۇپ قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىسمانىي ئەمگەك بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر ئەمگەك ئادەمنى ماغدۇردىن كەتكۈزىدۇ، ماغدۇرسىزلىق ئاستا-ئاستا قان ھاسىل قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئاجىزلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىلىي ئەمگەك زىيادە بولۇپ كەتكەندە بىۋاستە يۈرەك، تالغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك