• ياڭ مى بىر ئاي سەرپ قىلىپ «قەرز» قايتۇرماقچى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-13 12:53
  • ياڭ مى بىر ئاي سەرپ قىلىپ «قەرز» قايتۇرماقچى

    ھەر يىلى چاغاندا، تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەر ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلىرى فىلىمنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا، يەنە بەزىلىرى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتنىشىدۇ، بۇ بىر مەزگىلنى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىر قىسىم چولپانلارمۇ بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە دەم ئالىدىغانغا ۋاقىت ھازىرلايدۇ، ياڭ مىمۇ ھەم شۇنداق. يېقىندا، ياڭ مى ئىشخانىسى 2-ئايدا ياڭ مىنىڭ باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى يوقلىقىنى، ئۆيگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چاغان ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    2017-يىلى ياڭ مىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئالدىراش بىر يىل، «سۆھبەت ئەمەلدارى» (谈判官)دىن باشقا، ئۇ يەنە بىر نەچچە فىلىمدە رول ئالدى، توختىماي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، ھەمدە مەلۇم پىروگراممىدا باھالىغۇچى بولدى، ئۇنىڭ 2017-يىلى ئارام ئالمىدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇندىن بۇرۇن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ياڭ مى ئۆزىنىڭ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپلا، ئۆيگە قايتىپ «قەرز» قايتۇرىدىغانلىقىنى، چۈنكى قىزىغا ھەمراھ بولمىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    بەكلا چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ ياكى ھەقىقەتەن قىزىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈنمۇ، ياڭ مى ئىككىنچى ئايدىن بۇيان ھېچقانداق خىزمەت قىلمىغان، ئەجەبا ئۇمۇ ئۆيىدە «سۆھبەت ئەمەلدارى»نى كۆرۈۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭ شياڭگاڭغا قايتىپ قىزىغا ھەمراھ بولۇشىمۇ نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئىگىلىنىشىچە، ليۇ كەيۋېي، ياڭ مى ۋە قىزىنىڭ بىر يەرگە كەلمىگىنىگە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان.

    «تەتىلگە چىققان» ياڭ مىنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك ئىشلىرى مىكرو بىلوگدا يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تەشۋىق قىلىش بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئەسىرى «زامان ھالقىغان رىشتە»دەك تەسىر قوزغىيالمىغان» «مۇھەببەت ئەپەندىسى» (恋爱先生) تۈگىگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆرۈلۈش نىسبىتىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك