• سىز قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يانفون ئالماشتۇرىسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-13 12:40
  • سىز قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يانفون ئالماشتۇرىسىز؟

    ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى بولسا يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان كەسىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن ئالمىنى مىسالغا ئالساق ھەر يىلدا بىر دېگۈدەك يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنى بازارغا سالىدۇ. سامسۇڭ ۋە LG قاتارلىق شىركەتلەر بولسا قوش بايراقدار ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەر يېرىم يىلدا بىر بايراقدار يانفونىنى بازارغا سالىدۇ. يانفون يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى يانفون ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى بارغانسېرى تېزلىتىپ بارماقتا.

    تىجارەت زاللىرى يولغا قويغان توختاملىق يانفونلارمۇ (ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت زالى بىلەن يانفون سودىگەرلىرىنىڭ شېرىكچىلىكىدە بازارغا سېلىنغان يانفون) ئىستېمالچىلارنىڭ يانفون ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. تىجارەت زاللىرىنىڭ توختاملىق يانفونلىرىنىڭ ۋاقتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولۇپ، بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر توختام ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا يانفونىنى ئالماشتۇرىۋېتىدۇ.

    يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفونىنى ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %9 ئىستېمالچى بىر قانچە ئايدا بىر يېڭى يانفون ئالماشتۇرىدىكەن، %21 ئىستېمالچى ھەر يىلى بىر يېڭى يانفون ئالماشتۇرىدىكەن، %45 ئىستېمالچى ھەر ئىككى يىلدا بىر يېڭى يانفون ئالماشتۇرىدىكەن، باشقا %25 ئىستېمالچى بولسا يانفونىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىدىكەن.

    يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنداق خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇكى، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يېڭى يانفون ئىشلىتىدىغانلار نۆۋەتتە ئاساسى ئېقىمنى ئىگىلەيدۇ. مەيلى ئالما ياكى سامسۇڭنىڭ يانفونلىرى بولسۇن، ئوخشاشلا مۇشۇ خىل ئىستراتېگىيە بويىچە تېلېفون ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى بايراقدار يانفونلارنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى يىل بولۇپ، ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئورگان تەرەپ بۇ يانفونغا قارىتا ھەر خىل سىستېما يېڭىلانمىلىرىنى ئەۋەتىشنى توختىتىدۇ. ئالما يانفونلىرىغا كەلسەك، ئورگان تەرەپ ئېتىراپ قىلغان ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۈچ يىل بولسىمۇ، بىراق iPhoneنى ئىككى يىل ئىشلەتكەندىن كېيىنلا سىستېمىسىنىڭ راۋانلىق دەرىجىسى ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك