• سەنئەتنى دەپ ئوفىتسېرلىقتىن ۋاز كەچكەن ئايال ئارتىس - مېي تىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-13 12:36
  • سەنئەتنى دەپ ئوفىتسېرلىقتىن ۋاز كەچكەن ئايال ئارتىس - مېي تىڭ

    مېي تىڭ سەنئەت ساھەسىدىكىك  كۈچلۈك ئايال ئارتىسنىڭ بىرى، گەرچە ئۇنىڭ ھۆسن-جامالىنى «ھۆر-پەرى» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگىلى بولمىسىمۇ، بىراق قالتىس ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنى قايىل قىلىپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن. مېي تىڭنىڭ تۇنجى ئەسىرى دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلىرى شۇنداقلا بىزگىمۇ ئىنتايىن تونۇشلۇق. ئۇ دەل ئائىلە زورۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش تەسۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماڭ»دىكى مېي شياڭنەن ئوبرازىدۇر. بۇنىڭدا، ئۇ كۈن بويى يولدىشىدىن تاياق يەپلا تۇرىدىغان بىچارە ئوبرازنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان بولۇپ، ھەتتا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ كېتىشكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئەينى يىللاردىكى كىلاسسىك ئەسەر شۇنداقلا مېي تىڭنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى دېيشىكە بولىدۇ.

    مېي تىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇسسۇلغا ماھىر، ئەدەبىيات-سەنئەتنى سۆيىدىغان قىز بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىسىتۇتتىنىڭ ئالدىنقى سەپ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۆمەكتىكى مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك، ئىپادىسىمۇ ئەلا بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا رەسمىي دەرىجىدىكى ئايال ئوفىتسېرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. بۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئىش ئىدى. بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن، قەلبىدىكى رول ئېلىش چۈشى بىلەن ئارتىس بولۇش ئۈچۈن قەدەم ئالدى.

    مېي تىڭ بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلىرىدىن يوشۇرۇن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بەرمەكچى بولدى. بىراق مېي تىڭ ھەربىي بولغاچقا، قىسىمنىڭ ئىسپاتى بولمىسا، ئىمتىھان بېرەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى يىل چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، يەنىلا رول ئېلىش چۈشىدىن ۋاز كېچەلمەي، ئائىلىسىدىكىلىرىگە كەسپ ئالماشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشنى ئېيتقاندا، ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بۇنىڭغا قارىتا، مېي تىڭمۇ ئىرادىسىدىن يانماي، ئائىلىسدىكىلىرىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن كەسپ ئالماشتۇرۇپ، مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

    بۇ ساھەگە قەدەم قويۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مېي تىڭ شياڭگاڭ كىنو مۇنبىرىدىكى «پادىشاھ» جاڭ گورۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ھەتتا ئۇنىڭ ماختىشىغىمۇ سازاۋەر بولدى. ئارقىدىنلا، كۆپلىگەن بازارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئايال ئارتىسقا ئايلاندى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ گو تاۋ بىلەن ھەمكارىلىشىپ ئىشلىگەن «ئاتا-ئانامنىڭ مۇھەببىتى» (父母的爱情) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۆز يېشى بىلەن بەكلا چوڭ پەرق قىلىدىغان ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشتى.

    تۇرمۇشتا، مېي تىڭنىڭ ھېسسىيات ئىشى ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ ياش، تالانتلىق رېژىسسور يەن پو بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشتى. ئەسلىدە بۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماسىلىشىدىغان بىر جۈپلەر ئەر تەرەپنىڭ قەدىرلەشنى بىلمەسلىكى سەۋەبلىك توزغاقتەك توزۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مېي تىڭمۇ ئۆز بەختىنى تاپتى. بىزمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق كۆرۈرمەنلەرگە قالتىس ماھارىتىنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك