• ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسىگە ئىسىم قوشۇش رەسمىيەتلىرىنى بىلەمسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 03:18
  • ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسىگە ئىسىم قوشۇش رەسمىيەتلىرىنى بىلەمسىز؟

    ئۆي مۈلۈك ماجىراسى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۆيگە ۋارىسلىق قىلىش، تويدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئىسىم قوشۇش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. شەھىرىمىزدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسى ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەش ۋە ئىسىم قوشۇش رەسمىيەتلىرىنى ئانچە تولۇق چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنى توغرا كېلىدۇ.

    تويدىن كېيىن جورىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇش

    ئىسىم قوشۇش قايتا تىزىملاشقا تەۋە، شەھەر ئاھالىلىرى ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى، توي خېتى، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئۆي تىزىملاش ئىلتىماسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، بىرلىكتە ئۆزلىرى قاراشلىق ئۆي- زېمىن باشقۇرۇش تىزىملاش تارماقلىرىغا بېرىپ، يۈزتۇرانە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. يەر خېتى بېجى، شەخسى تاپاۋەت بېجى ۋە تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، پەقەت ئۆي تىزىملاش ھەققى ۋە ماركا بېجىلا ئېلىنىدۇ. لېكىن رەنىلىك قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ئۆي بولسا ئەمما قەرز قايتۇرۇلۇپ رەنىگە قويۇشنى بىكار قىلىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلمىگەن بولسا، ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسىگە ئىسىم قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنت ئارىسىدىكى ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، نىمكەش ئۆينى سېتىش-سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. ھەدىيە قىلىش تەرتىپى مۇنداق: ئاۋۋال ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بېرىپ ئۆينى ھەدىيە قىلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، ئاندىن ئۆينىڭ ئىككى گۇۋاھنامىسى، ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى، نوپۇس نىكاھلىنىش ئەھۋالى ئىسپاتىنى ئېلىپ بىۋاسىتە ئۆي- زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ، لېكىن ھەدىيە قىلىنغان ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى بۇ ئۆينىڭ ساتماقچى بولسا %20 تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ.

    ھەدىيە قىلىش رەسمىيىتىنى مۇنداق بېجىرىلىدۇ: ھەدىيە قىلغۇچى ۋە ھەدىيەنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆينى ھەدىيە قىلىش توغرىسىدا توختام تۈزگەندىن كېيىن، بەلگىلىمىگە ئاساسەن يەر خېتى بېجى تاپشۇرىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھەدىيەنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆي- زېمىن باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى، كىملىك، ئۆي- زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ھەدىيەنامە، گۇۋاھلىق خېتى ۋە يەر خېتى بېجى تالونىنى تاپشۇرىدۇ.

    تويدىن بۇرۇن شەخسى مال- مۈلۈكنى بېكىتىش

    تويدىن كېيىن تويدىن بۇرۇنقى مال-مۈلۈك توغرىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ، شۇڭا ئادۋوكاتلار كىشىلەرگە توي قىلىشتىن بۇرۇن تويدىن بۇرۇنقى شەخسى مۈلۈكلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ. قانۇن بويىچە مۇنداق مۈلۈكلەر تويدىن بۇرۇنقى شەخسىي مۈلۈككە تەۋە بولىدۇ:

    1. ئەر- خوتۇن تويدىن كېيىن ئېرىشكەن بارلىق مال- مۈلۈك، توي قىلىشتىن بۇرۇن تويغا ئاتاپ ئۆز ئالدىغا سېتىۋالغان ئۆي قاتارلىقلار؛

    2. قىسىمدىن قايتقان ياكى كەسىپ ئالماشقانلار قىسىمدىن ئېلىپ بارغان، داۋالىنىش پۇلى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ياردەم پۇلى، توي قىلغاندىن كېيىن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىش خىراجىتى ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش پۇلى.

    3. ئاجراشقاندىن كېيىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە كەسپىي بۇيۇملىرى (قىممەت باھالىق بۇيۇملار بۇنىڭ سىرتىدا).

    4. ئەر- خوتۇن ئارىسىدا تۈزۈلگەن مال-مۈلۈك كېلىشىمى ئىككى تەرەپنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە، بۇ قانۇنلۇق يازما توختام ۋە ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئاغزاكى كېلىشىم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    مۇنۇلار ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى ھېسابلىنىدۇ:

    1. مائاش، مۇكاپات، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت مەزگىلىدىكى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ مائاشى، مۇكاپاتى ۋە ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىمى، ياردەم پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

    2. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن قىلغان كىرىمى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەزگىلدىكى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ.

    3. بىلىمى مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەزگىلدىكى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىلىمى مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    4. ۋارىسلىق قىلىش ۋە ھەدىيە قىلىشتىن ئېرىشكەن مال-مۈلكى بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەزگىلدىكى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ئېرىشكەن مال مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تاپاۋىتى- مال-مۈلۈكنى ئەمەلىي ئىگىلەشنى ئەمەس، بەلكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئەمەلىي ئىگە بولمىغان، لېكىن ۋارىسلىق قىلىنغان مال- مۈلۈكمۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى بولىدۇ، لېكىن ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامدا ئەر-خوتۇننىڭ بىرىگە تەۋە بولىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن مال-مۈلۈك ئورتاق مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ.

    5. ئورتاق مۈلۈككە تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق مال مۈلۈك.

    ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك