• زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 03:07
  • زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

    زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش شوپۇرنىڭ زېھنىي كۈچى خوراش سەۋەبىدىن فىزىيولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش ھەمدە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار ياكى يېتەرسىز بولۇش، شۇنداقلا ئۇزاققىچە ئۇخلىماي ئاپتوموبىل ھەيدەش زىيادە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ روشەن ئىپادىسى.

    ئېلىمىزنىڭ «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 26-ماددىسىدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەردە مۇنداق ئەھۋال بولماسلىقى كېرەك: ئاپتوموبىلنى ئارام ئالماستىن ئۇدا تۆت سائەت ھەيدەش ياكى توختاپ ئارام ئالغان ۋاقتى 10 مىنۇتقىمۇ يەتمەسلىك». ئۇنداقتا زىيادە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟

     1. شوپۇر يېنىك دەرىجىدە چارچىغاندا خوتنى خاتا يۆتكەيدۇ ياكى قاتناش ئۇچۇرىغا پەرۋا قىلمايدۇ؛

     2. شوپۇر ئوتتۇراھال چارچىغاندا ئىنكاسى ئاستىلاپ، مەشغۇلات قىلىشتا سەل گاچىلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزىدە قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛

     3. شوپۇر ئېغىر دەرىجىدە چارچىسا ئىختىيارسىز ھالدا بىنورمال ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سالىدۇ، ھەتتا قىسقا ۋاقىت مۈگدەپ قېلىپ، ئاپتوموبىلنى كونترول قىلالماي قالىدۇ.

    يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن ئايانكى، زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش شوپۇرنىڭ دىققىتىنى چېچىپ،تەپەككۇر ۋە ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە، جىسمانىي ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شوپۇر زىيادە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ۋەقە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

    زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش قانداق ۋاقىتتا كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارغا قارىغاندا، زىيادە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان قاتناش بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى ئاساسەن بىر كۈندىكى مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن:

    1.يۇقىرى پەللە: سەھەر سائەت 2:00 ئەتراپىدا. ئادەتتە بۇ ۋاقىتقىچە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئادەم چارچاپ،ئۇيقۇسىراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى كۆرۈش ئارىلىقى قىسقا ھەم ناچار بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ؛

    2.يۇقىرى پەللە: سەھەر سائەت 4:00 ۋە 6:00 لەردە. بۇ مەزگىلدە، ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئادەمنىڭ ئۇزاققىچە ئۇخلىمىغانلىقى ئېھتىماللىقى بولغاندىن سىرت، يەنە بۇ ۋاقىت ئادەم بەدىنىنىڭ سەگەكلىكى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن پەيت، شۇڭا بۇ چاغدا ئادەمنىڭ مۈگدەپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ؛

    3.يۇقىرى پەللە: چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تىن 5:00 كىچە بولغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بىيولوگىيىلىك جەھەتتىن ئىككىلەمچى تۆۋەنلەش مەزگىلىگە كېلىدۇ. بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى (قان ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ئاققان ۋاقىت)«تۆۋەن دەرىجىلىك ئاغزىغا ئىشىش مەزگىلى» نىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئادەمنى ئاسانلا مۈگدەك باسىدۇ.

    قانداق قىلغاندا چارچاپ مۈگدەش ھالىتىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ مۇنداق ئاددى ئۇسۇللىرى بار:ئاپتوموبىلنى دەرھال بىخەتەر يەرگە توختىتىپ، چۈشۈپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش؛ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش؛ ئىمكانقەدەر 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ئۇخلىۋېلىش.

    يۇقىرىدىكى بايانلار پەقەت جىددى ئەھۋالدا قوللىنىشنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدىغان تەدبىرلەر، ئەمما چارچاش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك بەزى تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بەدەندىكى كونكرېت ئۆزگىرىشلەرنى ئوبدان كۆزەتكەندىن كېيىن داۋاملىق يول يۈرۈش ياكى ئارام ئېلىشنى بېكىتىش كېرەك.

    ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چارچاشنى يېنىكلىتىش ۋە مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنىلا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل، شۇڭا ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا زىيادە چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ، مەجبۇرىي يول يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    قانداق قىلغاندا چارچىغان ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ، بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ:

    1. ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛

    2. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛

    3. قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش  ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش؛

    4. يول يۈرۈش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يول ئۈستىدە ئاپتوموبىل ھەيدەش بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛

    گەپنى يىغقاندا، ئۇ شوپۇرلار يول يۈرگەندە سەگەك ۋە دىققەتنى يىغىشقا ماھىر بولسىلا، سەپەر چۇقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. شۇڭا يول يۈرگەندە زېھنىنى يولغا بېغىشلاش، بەلگىلەنگەن سۈرەتتە يول يۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئالدىراپ يول يۈرۈپ بار دېسە، پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرغاندىن، سوغۇققان يول يۈرۈپ، مەڭگۈلۈك بىخەتەرلىكنى قوغلاشقان ئەۋزەل!


    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00