• تىم كۇك : Apple Pay نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئالالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-15 01:28
  • تىم كۇك : Apple Pay نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئالالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن

    جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادىتى بويىچە چاغاندىن باشلاپ يېڭى بىر يىل باشلىنىدۇ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ماگناتلارمۇ يېڭى پىلانلىرىنى باشلايدۇ. ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك ئىز باسارىنى تاللاپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنە كۆچمە چىقىمدان ھەققىدە توختالدى، بەلكى بۇنى ئەلى بابا بىلەن تېڭشۈن ئاڭلىسا چوقۇم ئىچىدە خۇشال بولىدۇ. 

    تىم كۇك جوبىسنىڭ ئىز باسارى، گەرچە ئۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىگە جوبستەك دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلات بارلىققا كەلتۈرەلمىدى، iPhone 6دىن باشلاپ ئىجادچانلىقىنى يوقاتتى، دەپ مازاق قىلىنسىمۇ، لېكىن كۇك ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان يەتتە يىلدا قېتىرقىنىپ ئىشلىدى. 

    بەلكىم كۇك ئەڭ ياخشى مەھسۇلات دىرېكتورى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئالمىغا نىسبەتەن ئۇ بىر دانا سودىگەر ھېسابلىنىدۇ، يېڭىلىق ياراتمىسا نېمە بولۇپتۇ، يۇقىرى سوممىلىق پايدا يارىتالىسىلا شۇ كۇپايە. 

    كۇك ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىقىغا تەيىنلەنگەن چاغدا، نۇرغۇن ئالما مەستانىلىرى كۇك جوبسنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ سايىسىدە كۈن ئېلىۋاتىدۇ، مەھسۇلاتلىرىدا قىلچە يېڭىلىق يوق، پەقەت مەھسۇلاتنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرۇشنىلا بىلىدۇ دەپ قارايتى. جوبس ئاللىقاچان پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ پىر ئۇستازىغا ئايلاندى، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىش ناھايىتى قىيىن، ھازىر ئالما مەستانىلىرى كۇكقا كۆنۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئىز باسارى تېخىمۇ ناچار بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟

    بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن كۇك پېنسىيەگە چىىقىش يېشىغا يىتىپ قالدى، لېكىن كۇك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان كونكرېت ۋاقىتنى ئاشكارىلىمىدى.

    ئەمەلىيەتتە، پايچىكلار يىغىنىدا ئىز باسار مەسىلىنى ئۇچۇق ئاشكارە تىلغا ئالغاندىن باشقا، كۇك يەنە كۆچمە چىقىمدان مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى، « Apple Pay ئويلىغىنىمىزدىكىدەك ئومۇملاشمىدى، ئۇ نەق پۇلنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالمىدى.» ئۇ بۇ ئۆمرىدە Apple Payنىڭ نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك