• داڭلىق چولپان ياڭ مى شىركىتىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان بەش «گۈل»

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-19 11:02
  • داڭلىق چولپان ياڭ مى شىركىتىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان بەش «گۈل»

    ياڭ مى چولپان بولۇپلا قالماي، يەنە بىر سودىگەر. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ شىركىتىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان بەش «گۈل»

    1.دىلرابا

    دىلرابانى دېمىسەكمۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ قانچىلىك ئالقىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن، دىلرابانىڭ ئەمدى «يۈگرەيلى»نىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يەنە يېڭى ئەسەرلىرى بىزنىڭ قوللىشىمىزنى كۈتمەكتە، يەنى «ئاتەش ناخشىسى»، «مىڭ بىر كېچە» ۋە «21 كارات»تىن ئىبارەت.

    2. لى شىرۇي

    بۇ يىل لى شىرۇي باشقىچە ئالقىشلاندى. ئۇنىڭ «خەلقنىڭ يولدىشى»، «كۆۋرۈكتە تۇرۇپ مەنزىرە كۆرىمەن» قاتارلىق ئەسەرلىرى كەينى-كەينىدىن قويۇلدى.

    3.جۇ شۈدەن

    جۇ شۈدەن قاتناشقان ئەسەردىن ياڭ مىنىڭ «سۆھبەت ئەمەلدارى» بار بولۇپ، يېقىندا يەنە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالىدۇ. جۇ شۈدەن ئۆزى چىرايلىق، رول ئېلىش تېخنىكىسىمۇ ئۈستۈن بولۇپ، ياڭ مىنىڭ داڭلاندۇرۇش ئوبىيكتى ھېسابلىنىدۇ.

    4. خۇاڭ مېڭيىڭ

    خۇاڭ مېڭيىڭ «زاماندىن ھالقىغان رىشتە»دە، سەلبىي پېرسوناژ سۇ جىننىڭ رولىنى ئېلىپ داڭلىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە «چۇچياۋ قىسسىسى» دىمۇ رول ئالغان. بۇ يىل يەنە شىركىتىنىڭ يېڭى ئەسىرى «دەل بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدا»دىمۇ رول ئالغان.

    5. مۇقەددەس

    شىنجاڭلىق گۈزەل قىز، كېيىنكى دىلرابا دەپ ئاتالغان. ئۇ رول ئالغان «ئاتەش ناخشىسى» بىلەن «دەل بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدا» قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

    بۇ «بەش گۈل»دىن كىمنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك