• ئالما iOS 11.2.6نىڭ رەسمىي نەشرى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلبايان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-20 03:03
  • ئالما iOS 11.2.6نىڭ رەسمىي نەشرى تارقىتىلدى

    ئالما شىركىتى بۈگۈن سەھەردە iOS 11.2.6 سىستېمىسىنىڭ رەسمىي نەشىرىنى تارقاتتى. بۇ قېتىملىق سىستېما يېڭىلاشتا قىسمەن ھەرىپ بەلگىلەرنى ئىشلەتكەندە يانفون ئەپ دېتالى نورمال ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى ۋە 3-تەرەپ ئەپ دېتاللاردا سىرتتىن چېتىلىدىغان يانداش ئەسلىھەلەرگە ئۇلىغىلى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

    بىر ھەپتە بۇرۇن، مەلۇم بىر ئابۇنت iPhone ياكى iPad ئارقىلىق تېلۇگۇ تىلىدىكى بىر ھەرىپنى يوللىغاندا ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدىدا ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ چاغدا ئەپنى قايتا ئېچىشقا ياكى يانفوننى قايتىدىن قوزغىتىشقا توغرا كېلەتتى.

    ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە سىستېما يېڭىلاش ئۇسۇلى:

    iOS 11.2.6نىڭ رەسمىي نەشىرىگە يېڭىلاش ئۈچۈن يانفون (ياكى باشقا ئۈسكۈنە)نىڭ OTA ئىقتىدارى ئارقىلىق سىستېما يېڭىلىساق بولىدۇ.

    OTA ئارقىلىق سىستېما يېڭىلاشتىن سىرت، ئابۇنتلار يەنە iTunes ئارقىلىقمۇ سىستېما نەشىرىنى يېڭىلىيالايدۇ، كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ماس ھالدىكى سىستېما بولىقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، كومپيۇتېردا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iTunesنى ئاچىمىز، ئاندىن «Shift+يېڭىلاش»نى تەڭلا بېسىپ چۈشۈرگەن سىستېمىنى ئۈسكۈنىگە قاچىلىساق بولىدۇ.

    iOS 11 قايسى ئۈسكۈنىلەرنى قوللايدۇ؟

    iOS 11 سىستېمىسى ئالمىنىڭ iPhone X،iPhone8،iPhone8 Plus،iPhone7،iPhone7 Plus،iPhone5s،iPhone SE،iPhone6/Plus،iPhone6s/Plus يانفونلىرى؛ 9.7 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى iPad،iPad Air،iPad Air 2 ۋە iPad Proنى (9.7 ۋە 12.9 دىيۇملۇق 1-، 2-ئەۋلاد نۇسخىسى، 10.5 دىيۇملۇق نۇسخىسى)، شۇنداقلا iPad mini 2،iPad mini 3،iPad mini 4 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ؛ iPodكە نىسبەتەن پەقەت iPod Touch 6نىلا يېڭىلاشقا بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك