• كەلگۈسىشۇناس: ئىنسانلار مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلرابا
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-20 03:17
  • كەلگۈسىشۇناس: ئىنسانلار مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ

    كەلگۈسىشۇناس يان پېرسون دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنسانلار ئاللىبۇرۇن نۇرغۇنلىغان ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز چوقۇم 2050-يىلىغىچە ياشىيالىشىڭىز كېرەك ئىكەن.

    پېرسون دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا ئالدى بىلەن بايلار ۋە بىر قىسىم داڭلىق كىشىلەر مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە ئىشچىلار سىنىپىغا تەۋە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بولسا تەخمىنەن 2060-يىللىرىغا بارغاندا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن. يەنى، 2060-يىلىغا بارغاندا 90 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر ياكى 1970-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن. ھازىرقى 50 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر چوقۇم مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن.

    نۆۋەتتە بىر قانچە خىل ئۇسۇل ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلالايدىغان بولۇپ، مەسىلەن تەن قىسمىنى قايتا ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار. تەن قىسمىنى قايتا ھاسىل قىلىشنى بىر قانچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەنى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش ياكى تەتۈر گېن قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەن قىسمىنى قايتا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

    ئىنسانلار يەنە يېڭى ئەزالارنى مۇھىم بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتسە بولىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئالىملار 3D پىرىنتېر ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەزالىرىنى بېسىپ چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

    پېرسون دوكتور يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ئىنسانلار ئىزچىل مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، يەنە كېلىپ تېخنىكىنىڭ تېز سۈرەتتىكى تەرەققىياتى بىزگە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشەنچلەرنى ئاتا قىلدى. نۇرغۇن كىشى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى 95 ياشتىن كېيىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، لېكىن ئەگەردە سىز بەدىنىڭىزنى 29 ياش ياكى 30 ياش ۋاقتىڭىزدىكى ھالىتىگە ئۆزگەرتسىڭىز، سىز بەلكىم مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىڭىز مۇمكىن».

    پېرسون دوكتورنىڭ قارىشىچە، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى ماشىنا ئادەملەرگە يۆتكىيەلەيدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: « بىز يەنە نۇرغۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن بەدىنىمىزنى خالىغان ۋاقىتتىكى ئۆزىمىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھالىتىمىزگە كەلتۈرەلەيمىز. كەلگۈسىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ماشىنا ئادەمنى بىرلەشتۈرۈپ، يەنە تېخى كومپيۇتېر بۇلۇت دىسكىسىدا ياشىيالايمىز. تەپەككۇرىڭىز بۇلۇت دىسكىدا ساقلىنىپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ خالىغان ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ماشىنا ئادەم تۇرمۇشىڭىزدا سىز بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ».

    بۇ كەلگۈسىشۇناسنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە كىشىلەر ماشىنا ياكى ئۆي ئىجارە ئالغانغا ئوخشاش، بىر ماشىنا ئادەمنى خالىغانچە ئىجارىگە ئالالايدىكەن ھەم دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلالايدىكەن. ئەگەر سىز ئاۋسترالىيەدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسىڭىز ھەمدە سىدنېي تىياتىرخانىسىغا بارماقچى بولسىڭىز بىر ماشىنا ئادەمنى ئىشلەتسىڭىزلا بولىدىكەن. لېكىن كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم 2045-يىلىغىچە ياكى 2050-يىلىغىچە ئالىملارنىڭ ئادەم بىلەن ماشىنا ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولغان ئۇلىنىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇنىڭ دەسلەپكى تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

    تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىمۇ ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇنداق ماشىنا ئادەمگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2060-يىلىغا بارغاندا ھەرقانداق كىشى بۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەمنى سېتىۋالالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2070-يىلىغا كەلگەندە نامرات دۆلەتلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرمۇ بۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەمنى سېتىۋالالايدىكەن. ئاخىرىدا ھەربىر كىشى بىر خىل ئېلېكتىرونلۇق ھالەتتىكى مۇھىتتا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن».

    ئۇنىڭ دېيىشىچە، تەخمىنەن 15~20 يىللاردىن كېيىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇشقا كېتىدىغان تەننەرخ نەچچە مىليوندىن نەچچە يۈز فوندستېرلىڭغا تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ تۈر يەنە ئەنگلىيە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنسانلار بەلكىم بىر ماشىنا ئادەمنىڭ تېنىدە ھاياتىنى داۋام ئېتىشى، يەنە بەلكىم بىر خىل كومپيۇتېر تەقلىدىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە كېلىپ سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بىلەن يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى ئۆز-ئارا بىرلىشىپ، تەڭداشسىز ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولالايدىكەن.

    پېرسون ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «سىز بەلكىم مەۋھۇم دۇنيادا نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئۆتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ خالىغان يېرىدىكى خالىغان كومپيۇتېردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىز ئىزچىل تور دۇنياسىدا ياشىسىڭىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىز پۈتۈنلەي مەۋھۇملۇق ئىچىدە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە ئېرىشەلەيسىز. سىز يەنە خالىغان خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايسىز. ئەلۋەتتە سىز يەنە رېئال دۇنياغا قايتىپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ».

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك