• بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-22 01:53
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ

    كونىلار «ھەربىر غەلبە قىلغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەيدىغان بىر ئايال بار» دېگەندەك، ياخشى بىر ئايال بىلەن توي قىلىش ئەرلەرنىڭ بەختى، ئۇ ئايال گۈزەل بولمىسىمۇ سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسە سىز يەنىلا ئۇتۇق قازانغان بولسىز. ئۇنداقتا سىز توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولسىڭىز، يۇقىرىدىكىدەك تۆت خىل ئايالدىن ھەزەر ئەيلەڭ، ياخشى ئويلۇشۇڭ.

    1. ھەركۈنى يېيىشنىلا بىلىدىغان ھورۇن ئاياللار: توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئەركە چوڭ بولۇپ قالغان قىزلار، توي قىلغاندىن كېيىن ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، ھېچ ئىشنى بىلمەيدۇ، ئۆينى ناھايىتى قالايمىقان تۇتىدۇ، بۇنداق ئۆيگە كىرگىڭىزمۇ كەلمەيدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلغانلار ئاۋارىچىلىققا قالىدۇ.

    2. ئانىسىنىڭ ئۆيىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان ئاياللار: بەزى ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە توشۇيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتى ئائىلىدە زىددىيەت شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق دېسە بىر نەرسىنى ئالسا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن نەرسە ئېلىشتىن ئىلگىرى يولدىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك.

    3. قىمار ئوينايدىغان ئاياللار: قىمارنى ئوينىغانسېرى خۇمار بولۇپ قالىدۇ، قىمارغا بېرىلىپ كەتكەن ئاياللار مەغلۇپ بولغان ئايال ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەر بىلەن بىللە قىمار ئوينايدىغان ئاياللار ئاسانلا يولدىن چىقىدۇ.

    4. شەخسىي تۇرمۇشى قالايمىقان ئاياللار: توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئوغۇل دوستىغا چىرمىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار، تويدىن كېيىنمۇ بۇ ئادىتىنى ئالدىراپ تاشلىيالمايدۇ، بولۇپمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدىغان ئاياللار، بۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلغان ئەرلەر ھەتتا بالىسىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى ئەڭ نەس باسقان ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك