• بۆرەككە زىيانلىق تۆت خىل ئادەت: سىزدە قايسىلىرى باركەن؟

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-23 06:20
  • بۆرەككە زىيانلىق تۆت خىل ئادەت: سىزدە قايسىلىرى باركەن؟

    بۆرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، شۇڭا ئۇنى ئاسراشقا ناھايىتى مۇھىم، تۆۋەندە بىز بۆرەككە زىيانلىق تۆت خىل ئادەتنى كۆرۈپ باقايلى.

    1. ھەرخىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش: ھازىر كىشىلەر ساغلاملىققا ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئارقا ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، كىشىلەرمۇ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دورىلارنى سېتىۋالماقتا. كېسەللىككە قاراپ دورا ئىشلىتىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بىراق بىئارام بولسىڭىز قالايمىقان دورا يېمەڭ، چۈنكى دورىلارنى كۆپ يېيىش بۆرەك ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    2. تۈنەش: يېتەرلىك بولغان ئۇيقۇ بەدەننىڭ ھەر قايسى چوڭ ئەزالارنى تېگىشلىك دەم ئېلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، خىزمەت ئۈنىمىنى ئاشۇرىدۇ. كەچتە ئۇخلاش بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ، بىراق كېچىدە ئۇخلىمىغاندا، بەدەندىكى توكسىن بەدەن سىرتىغا چىقالمايدۇ، ئۇزۇن مەزگىل كېچىدە ئۇخلىمىغاندا، سېمىزلىك، بۆرەك ئاجىزلىك ۋە دىيابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

    3. تاماكا چېكىش: تاماكا سېتىۋالغان ۋاقىتتا، تاماكا قېپىدىكى «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەتكە دىققەت قىلىڭ. بۆرەك كېلىسى بىمارلىرىنىڭ ئارىسىدا تاماكا چېكىدىغانلار ئەڭ كۆپ، دائىم تاماكا چەككەندە، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاماكا ئىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى كۆپ، سىز تاماكا چەككەندە ئەتراپىڭىزدىكىلەرمۇ زىيانغا ئۇچىرايدۇ.

    4. بەدەن چېنىقتۇرماسلىق: بەدىنى قانچە ساغلام بولغان كىشىلەر چېنىقىش مۇھىملىقىغا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر خىل مودا بولۇپ قالدى. بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان كىشىلەر ئادەتتە ھورۇن كېلىدۇ، ئۇلار سەمىرىپ كېتىشكە رازىكى بەدەن چېنىقتۇرمايدۇ، شۇنداقلا بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان كىشىلەر نەرسە يېيىشكە ئامراق، لېكىن دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرمىگەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ، ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك