• پىسخىك سىناق: ھاياتىڭىزدا نېمىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەڭ قورقىسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-23 06:05
  • پىسخىك سىناق: ھاياتىڭىزدا نېمىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەڭ قورقىسىز؟

    تۆۋەندىكى خىرۇستال ئاياغلاردىن بىرنى تاللاڭ.

    A

    B

    C

    D

    (دىققەت: بۇ بىر ئويۇن، پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا تەمىنلەندى)

    A. باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەڭ قورقىسىز.

    سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئالاقە چەمبىرىكىڭىزنى ياقتۇرىسىز، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلىسىز، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالغىنىڭىزنى سەزگىنىڭىزدە ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالىسىز، بۇمۇ ئۇزۇندىن بۇيان دەل سىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى قىممىتىڭىز ۋە قانائەت تۇيغۇڭىزنى رازى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلدۇر، شۇڭا سىزمۇ  تۇرمۇشتا چوقۇم مۇشۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ياشايسىز.

    B. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەڭ قورقىسىز.

    سىز ئەركىنلىكنى ھەقىقىي سۆيىدىغانلاردىن، ئەمما سىز تەركىي دۇنيا بولۇپ جاھان كەزمەيسىز. ئەركىنلىك دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاياغ ئىزىنى قالدۇرۇش بولماستىن، بەلكى نە راھەت بولسا شۇ يەردە ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈش، گەرچە پۇل بەكمۇ كۆپ بولمىسىمۇ، ئۆيمۇ بەك چوڭ بولمىسىمۇ، خۇشال ياشىسىلا كۇپايە دېگەنلىكتۇر. ھەممە ئىشلار قېلىپقىلا كىرىۋالغان، ئۆلۈك قائىدە-تۈزۈمنى ئاساس قىلىۋالىدىغان ھايات سىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەردۇر.

    C. دوستتىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەڭ قورقىسىز.

    سىز دوستلۇقنى ئۇلۇغلايدىغانلاردىن، دوست بولسىلا ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندەك ھېس قىلالايسىز. ئەگەر يېنىڭىزدا دوستىڭىز بولمىسا چوقۇم ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز. ناۋادا بىر كۈنلەر كېلىپ، دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنى تاشلاپ كەتسە، چوقۇم پەقەت ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز سۆزلەيدىغان خامۇش بولۇپ قالىسىز.

    D. مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەڭ قورقىسىز.

    سىز ئەزەلدىن ھەرقانداق ئىشتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ئاساس قىلىپ كەلدىڭىز، قولىڭىزدىن كەلمىسىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيسىز. سىزنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا كۆنۈش ئىقتىدارىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى، قانداقلا مۇھىتتا بارماڭ، ھامان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەتراپقا سىڭىپ كېتەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزدە يەنە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى بار، يەنە كېلىپ سىزدىكى بۇ يوشۇرۇن كۈچ رەقىبىنىڭ كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى زورىيىپ بارىدۇ، شۇڭا، مەيلى ئەتراپتا قانداقلا رەقىب بولمىسۇن ھەمىشە  ئەڭ ياخشىلارنىڭ بىرى بولۇپ چىقىسىز. سىزنىڭ ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنىڭىز بەزىلەرنىڭ سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزغا سەل قارىشى، چۈنكى سىز ھەرگىزمۇ بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغانلاردىن ئەمەس. سىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانكەنسىز، ھايات ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممىلا ئادەمگە بىلدۈرىشىڭىز لازىم.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك