• بوغدا پارتىيە ياچېيكا خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى(زىيارەت فىلىم)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-24 07:56
  • بوغدا پارتىيە ياچېيكا خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى(زىيارەت فىلىم)

    ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، 2018-يىلى داۋاملىق ئىلگىرلەيمىز

    بوغدا دوختۇرخانىسى 2017-يىللىق پارتىيە ياچېيكا خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

     

     ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان مەخسۇس فىلىمى: 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى باش ئورگان يىغىن زالىدا بوغدا دوختۇرخانىسى 2017-يىللىق پارتىيە ياچېيكا خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق دوختۇرخانىلىرىدا يىراقتىن كونتىروللىغۇچ ۋىدىئو تېلېۋىزىيە يىغىنى سېستىمىسى ئارقىلىق بىر ۋاقىتتا  ئېلىپ بېرىلدى. باش مەيدان ئۈرۈمچى بوغدا دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بارلىق خادىملار، ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.دۆلەت شېئىرىنىڭ جاراڭلىق ساداسى بىلەن يىغىن باشلاندى.

      شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئالىمجان ھاشىم يىغىن ئەھلىگە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 2017-يىلىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى. 

    ئۆتكەن بىريىلدا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىگى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن:

    1. پۈتكۈل بوغدا سېستىمىسى بويىچە»ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىگە قاتتىق زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق چوڭ ئائىلىسىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قەدىرلەش، مۇقىملىق ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىش «ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە بارلىق خادىملارنىڭ بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ»، «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئىناق، تىنىچ، خاتېرجەم بولغان شىنجاڭ قۇرۇشقا بىركىشلىك تۆھپە قوشۇش ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.    

    2. بوغدىدىكى بارلىق خادىملارنى ھەرھەپتىدە بىر كۈن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۇرۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات يېزىش، ئۆز خىزمىتى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھەرىكەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، ئۆگۈنۈش بويىچە مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ بارغان.

    يىغىن كۈن تەرتىۋى بويىچە 2017-يىللىق «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس»، ئېنىق پوزېتسىيە بىلدۈرۈشتىكى مۇنەۋۋەر شەخس «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىشتىكى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ» قاتارلىقلارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



      

    يىغىن ئاخىرىدا شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا باشلىقى ھەمراجان مەمەتئېلى يىغىننى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

     ياخشى ئىدىيىۋى ھالىتىمىز ۋە يىپيېڭى روھىي قىياپىتىمىز بىلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن مۇھىم يۆنىلىشنى بويلاپ، كۈچىنى ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، 2018-يىلى ياخشى روھىي قىياپەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغۋار نىشانىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشىمىز.
      ئاخىرىدا ھەممە بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ يىغىننى غەلبىلىك تاماملىدى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك