• تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك ئىپادىسى

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 03:55
  • تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك ئىپادىسى

    تالاغا قاراپ قېلىش تىلغان ئېلىنغاندا، ئەرلەر چوقۇملا ئاياللارنى يېڭىپ چىقىدۇ. تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر ئۆزىدىكى خاتالىقنى تونۇمايلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭكىنى يوللۇق دەپ قارايدۇ، ھەتتا تالاغا قاراپ قېلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل خاتالىقنىڭ بارسا قايتماس يول ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

    1. يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۆزى يالغۇز قالسىمۇ سىز بىلەن بىللە بولۇشنى خالىمايدۇ. دائىم يانفونغا قارايدۇ، تېلېفون كەلسە خالىي جايغا بېرىپ سۆزلىشىدۇ، يانفونىنى سىزگە ھەرگىز كۆرسەتمەيدۇ.

    2. مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ، دائىم تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان بولىۋالىدۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ سىز بىلەن سوقۇشىدۇ، ئۇرۇشۇپ بولغاندىن كېيىن يارىشىپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا سىزدىن بەكرەك يامانلايدۇ، سىز بىلەن ئۇزاققىچە سۆزلەشمەيدىغان بولىۋالىدۇ. 

    3. سىزگە يېقىنچىلىق قىلمايدىغان بولىۋالىدۇ. چۈنكى تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر ھېسسىيات جەھەتتە نازۇكلىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولىۋالىدۇ، نېرۋىسى چېچىلىپ، بەزى ئىشلارنى ئەپلەپ-سەپلەپلا تۈگىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    4. قىلمىش-ئەتمىشلىرى سىرلىقلىشىپ كېتىدۇ، دائىم ھاجەتخانىغا كىرىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بىر ئولتۇرسا سائەتلەپ، كۈنلەپ ئولتۇرىدۇ؛ يۇيۇنسىمۇ يانفونىنى ئەكىرىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يالغۇز قالىدىغان ۋاقتى كۆپىيىپ، ئۆيگە كەچ قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    5. تۇيۇقسىز تاشقى قىياپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۆيدىن چىققان چاغدا ئايىغىنى تەكرار سۈرتىدۇ. چۈنكى ئاياغ ئەرلەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئەينىكى، بىر ئەر دائىم ئاياغ ئالماشتۇرۇپ، دائىم ئاياغ سۈرتسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا مىسلىسىز چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    6. مۇئاشىنى سىزگە تاپشۇرمايدىغان ياكى سىزدىن دائىم پۇل سورايدىغان بولۇپ قالىدۇ. سىرتتىكىلەرگىمۇ پۇل خەجلەش توغرا كېلىدۇ، شۇڭا تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر سىزگە پىخسىقلىق قىلغان بىلەن تالادىكىسىگە سېخىيلىشىپ كېتىدۇ.

    تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر ئەڭ خۇنۇك ئەرلەردۇر، ئۆزىچە ئۆزىنىڭ چىن سۆيگۈسىنى تاپقاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پەقەت ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ھالال جۈپتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازابلاپ، ئاللىقاچان بەك كېچىككەن بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك