• گېرمانىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن 136 ئادەم قازا قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:23
  • گېرمانىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن 136 ئادەم قازا قىلدى

    گېرمانىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئورگىنىدىكىلەر يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا گېرمانىيەدىكى يۇقۇملۇق زۇكام بىمارلىرى سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم تارقالغان يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن 130دىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

    گېرمانىيە تاراتقۇلىرى گېرمانىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئورگىنى روبېرت كوچ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى سۇسان گىراسماخېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ نۆۋەتتە گېرمانىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن 136 ئادەم قازا قىلغانلىقىنى، كۆپىنچىسىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىمارلارنىڭ سانىنى ئېنىق سىتاستىكا قىلىش قىيىن بولغاچقا قازا قىلغانلارنىڭ ئەمەلىي سانى ئېھتىمال بۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

    روبېرت كوچ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى يۇقۇملۇق زۇكام بىمارلىرىنىڭ سانى مۇشۇ ئاينىڭ 3-ھەپتىسى، يەنى 18-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ 24 مىڭگە يەتكەن. بۇ سان 1-ئاينىڭ 3-ھەپتىسى، يەنى 15-يانۋاردىن 21-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا 5000 گىمۇ يەتمەيتتى.

    سۇسان نۆۋەتتە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يۇقۇملۇق زۇكامنى ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش قىيىنلىقىنى ئېيتتى.

    2017-يىلى 10-ئايدا يۇقۇملۇق زۇكام پەسلى باشلانغاندىن كېيىن گېرمانىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 82 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئاساسلىقى شەرق ۋە جەنۇبقا مەركەزلەشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىم گېرمانىيەدە ئاساسلىقى ب تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان.

    سۇسان ئاگاھلاندۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ھازىر ۋاكسىنا سالدۇرسىمۇ ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى، ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشىگىمۇ ئىككى ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى، يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىش مۇددىتىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك