• كېنەز خانىم كەيتنى مەڭگۈ ئوڭايسىزلاندۇرمايدىغان سەككىز خىل كىيىمى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:50
  • كېنەز خانىم كەيتنى مەڭگۈ ئوڭايسىزلاندۇرمايدىغان سەككىز خىل كىيىمى

    1. قوش تۈگمىلىك پەلتو:

    قىش كۈنلىرى كېنەز خانىم كەيت سىرتقا چىققاندا، ئىزچىل پەلتو كىيىشىنى ياقتۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش قوش تۈگمىلىك چاپاننىڭ كامېرا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ. بۇ پاسونلۇق چاپان قورساقنى كىچىك كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە تېخى ئەپچىللىك بىلەن زىلۋا بەدەننى نامايەن قىلىشقىمۇ تازا باب كېلىدۇ.

    2. سۇس رەڭلىك يىپەك پايپاق:

    يېقىنقى بىر قانچە يىلدا مودا بولىۋاتقان بىر قىسىم ئاپاشلار ياخشى كۆرىدىغان قېنىق رەڭلىك پايپاقلارنى شاللاپ بولدى. خان جەمەتى ئەنئەنىسى بويىچە ئىككى پۇتى ۋە پاچىقىنى ئېچىپ قويۇش قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بولۇپمۇ، ئايال پادىشاھنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەقەتلا خوشى يوقمىش. شۇنىڭ بىلەن ئىنچىكە كىشىلەر خان جەمەتىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئادەتتە دائىم دېگۈدەك خۇددى پايپاق كىيىگەن ياكى كىيىمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان رەڭدىكى يىپەك پايپاقلارنى كىيىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك.

    3. توم ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ:

    كېنەز خانىم كەيت ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ كىيىشىنى بۆلەكچىلا ياقتۇرىدىغانلىقى بىلەن داڭلىق. گەرچە ئۇ ھامىلدار بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىيىگەن ئاياغ پاشىنسىنىڭ بەش سانتىمېتىردىن كەم بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توم ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ بىر قەدەر راھەت بولۇشى بىلەن كەسپ مەيدانىدىكى تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارنىڭ سورۇن تاللىشىغا ئايلاندى. دېمىسىمۇ، بۇ تۈردىكى ئاياغلار ھەم گۈزەل ھەم ئىشلىتىشچان شۇنداقلا تەڭپۇڭلۇقنىمۇ ساقلىغلى بولغاچقا، خانىم-قىزلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

    4. گۈللۈك كۆينەك:

    ئامېرىكا ھوللىۋود چولپانلىرى ياقتۇردىغان ئاددىي، بىرلا خىل رەڭدىكى كىيىملەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىكلەر بىر قەدەر نەقىشلىك، گۈللۈك شۇنداقلا ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان كىيىملەرنى ياقتۇرىدۇ. مەسىلەن، چاقماق كوپتا، گۈللۈك كۆينەكتە ئەنگلىيە ئۇسلۇبى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. مودا تالانتى كەيتمۇ ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مەنانى ئوبدان چۈشىنىدىغان بولغاچقا، بىرەسمىي سورۇنلاردا، تىزىدىن ئاشىدىغان گۈللۈك كۆينەكنى كىيىپ ھەم لاتاپەتلىكنى ھەم شوخلۇقنى نامايەن قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ.

    5. لايىھە تۈسىدىكى ھالقا تاقاش:

    ئادەتتە، كىيىۋالغان كىيىمىڭىز بىر قەدەر ئاددىي ياكى بىرلا خىل رەڭدە شۇنداقلا ئانچە كۆپ نەقىشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ھالقا سىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

    6. يوللۇق مايكا: 

    ئەڭ ئالدى بىلەن فىرانسىيەلىك ئاياللارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مودا كىيىم يېقىنقى بىر قانچە يىلدا پۈتكۈل دۇنيادا مودىغا ئايلاندى. يوللۇق مايكا كىيىدىغانلار كىشىگە يېقىملىق شۇنداقلا روھلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقانداق كىيىم بىلەن ماسلىشالايدىغان بۇ خىل مايكا كىيىم ئىشكاپىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇمدۇر.

    7. قارا رەڭلىك ئىشتان:

    ئەگەر ئۈستۈنكى كىيىمدە ھەممىگە باب كېلىدىغىنى يوللۇق مايكا بولسا، ئۇنداقتا، قارا رەڭلىك ئىشتاننى «ماسلاشتۇرۇش شاھى» دېيشىكە بولىدۇ. مەيلى سىز ئۇزۇن پاچىقىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئويلىسىڭىز ياكى ئاددىيلا كىيىنىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا، كىيىم ئىشكاپىىڭىزدىكى قارا رەڭلىك ئىشتاننى ئالسىڭىزلا، ھەرگىزمۇ خاتالاشمىغان بولسىز.

    8. قول سومكىسى:

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالىدىغان سومكىنى ئىشلىتىشى قارشى ئېلىنمايدىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۈرىلىك سومكىنىڭ كىيىم-كېچەكنى پۈرلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭايسىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغانىكەن. ئەگەر قولدا كۆتۈرۋالىدىغان سومكا بولسا، چىرايلىقچە قارشى تەرەپنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك