• سۆيۈشۈپ خوشلىشىش قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:43
  • سۆيۈشۈپ خوشلىشىش قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق

    گېرمانىيە ئاۋازى رادىۇيو ئىستانسسى تور بېكىتىنىڭ 19-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، سۆيۈشۈش ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدىغان، دوست-بۇرادەرلەر ئۆز-ئارا ھال سورايدىغان ۋە ياكى باشقىلارغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ھەرىكەت (ئەلۋەتتە چەت ئەلدە شۇنداق). ئۇندىن باشقا سۆيۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك يەنە باشقا بىر قىسىم ئەمەلىيەتلەرمۇ بار بولۇپ، بۇنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، قېنى ئۇنداقتا قىزىقىدىغانلارنىڭ نەزىرى تۆۋەندە بولسۇن:

    1. بىر مىنۇت سۆيۈشكەندە 6.4 كالورىيە ئىسسىقلىق (ئېنىرگىيە) خورايدۇ. ئەگەر پۈتۈن ھاياجان بىلەن سۆيۈشكەندە، ياكى ئوتلۇق سۆيۈشكەندە بىر مىنۇتتا 20 كالورىيە ئىسسىقلىق (ئېنىرگىيە) خورايدۇ.

    2. سۆيۈشۈششۇناسلىق دەل مەخسۇس سۆيۈشۈشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، تەتقىقات دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئىگىلىنىشىچە، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەم سۆيۈشكەندە تىلىنى ئوڭغا قىيسايتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. سىزمۇ شۇنداقمۇ؟

    3. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدىكى سۆيۈشۈش ئادەتتە 12 سېكۇنت داۋاملىشىدىكەن، 30 يىل بۇرۇنقى ئاشىق-مەشۇقلار بولسا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ئاران 5.5 سېكۇنت سۆيۈشەتتىكەن.

    4. سۆيۈشۈش سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا دوختۇرلار شۇنداق دەپ قارايدۇ. چۈنكى سۆيۈشكەندە نەپەس راۋانلىشىدىغان بولۇپ، يەنە تېخى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ھەتتا ئۆزى سۆيۈشمەي، سۆيۈشۈشنى خىيال قىلغاندىمۇ، ئادەم بەدىنى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

    5. سۆيۈشۈش يەنە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشىغا پايدىلىق، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. سۆيۈشۈششۇناسلارنىڭ بايقىشىچە، سۆيۈشۈپ خوشلاشقاندىن كېيىن، شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا كۆڭلى ئارامىدا، كەيپىياتى ياخشى بولغاندىن باشقا، قاتناش قائىدىسى ۋە قاتناش قانۇنىغا تېخىمۇ رىئايە قىلىپ، قاتناش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن. بىراق يول يۈرىۋاتقاندا، يەنى ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا سۆيۈشۈش ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان بولۇپ، قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    6. سۆيۈشكەندە جەمئىي 100 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى جانلىنىدىغان بولۇپ، 34 پارچە يۈز مۇسكۇلى «خىزمەت» كە قاتنىشىدىكەن. ئادەم بەدىنى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ھورمون ۋە ئارېنالىن (ئېپىنېفرىن) ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

    7. سۆيۈشكەندە، ئىككى تەرەپ شۆلگەيگە قوشۇپ بەدەندىكى ناھايىتى نۇرغۇن ماددىلارنى ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ، مىسالغا ئالىدىغان بولساق بۇلارنىڭ ئىچىدە 60 مىللىگىرام شۆلگەي، 0.5 مىلىگىرام ئاقسىل، 0.4 مىللىگىرام تۇز، يەنە كۆپ مىقداردا مىكروب (باكتىرىيە) مۇ بار ئىكەن.

    8. ئېغىزغا سۆيۈشتەك بۇ ھەرىكەت تۇغما بولۇپ، ھايۋانلارمۇ سۆيۈشۈشنى بىلىدۇ، مەسىلەن شىمپەنزە، غاز ۋە پىل قاتارلىقلار.

    9. پۈتۈن دۇنيادىكى %80 ئادەم سۆيۈشۈپ باققان، بىراق سۆيۈشۈش جەھەتتە بەزى ئەنئەنىۋى ئوخشىماسلىقلار بار.

    10. ئەلۋەتتە سۆيۈشۈشتىمۇ مۇناسىپ قائىدىگە ئەمەل قىلىش لازىم. مەسىلەن، ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتى خارتفورد (Hartford, Connecticut) شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى ئاممىسى سورۇنلاردا قىز-ئاياللارنى سۆيۈشكە بولمايدۇ. (ئەجىبا ئەرلەرنى سۆيسە بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟) تۈركىيەدە مېترو ئىچىدە سۆيۈشۈش چەكلىنىدۇ.

    11. گېرمانىيەلىكلەر سۆيۈشۈشنى ئانچە ياقتۇرمايدىغان مىللەت بولۇپ، پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسى بويىچە سۆيۈشۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئارانلا تۆت قېتىم سۆيۈشىدۇ. بىراق فىرانسىيەلىكلەر بىلەن ئىتالىيەلىكلەر ئىسمى-جىسمىغا لايىق «رومانتىك مىللەت» بولۇپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە قېتىم سۆيۈشىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك