• ئەر-خوتۇننىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:02
  • ئەر-خوتۇننىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى

     نىكاھ مۇناسىۋىتى ئەر-خوتۇننىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىدۇر. ئۇ جىسمانىي مۇناسىۋەت ۋە مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      جىسمانىي ھوقۇق ئاساسلىقى ئەر-خوتۇننىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، تۇرار جايىنى بېكىتىش ھوقۇقى، بىللە تۇرۇش مەجبۇرىيىتى، سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتى، جورىسىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، كۈندىلىك ئىشلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھوقۇقى، ياردەملىشىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى جىنسىي ھوقۇق دەپ قارايدۇ، بۇنداق قاراش تار مەنىدىكى، بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر.

      بىراق، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى جىنسىي ھوقۇق ھەقىقەتەن بىر نازۇك مەسىلە. ئەگەر نىكاھنى بىر ھارۋا دەپ قارىساق، بىللە تۇرۇش، سادىق بولۇش بولسا ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئىككى چاقتۇر. ئەر-خوتۇن باراۋەر بولۇش، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، جىنسىي ھەرىكەتنىڭ پاكلىقى ۋە خاسلىقىنى ساقلاش ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر.

      نىكاھ قانۇنىدا قوش نىكاھلىنىش، جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن نىكاھسىز بىللە تۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى كېرەك؛ قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن نىكاھسىز بىللە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرى كېلىشەلمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ قوش نىكاھلىق بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن نىكاھسىز بىللە تۇرۇش سەۋەبلىك، ئاجراشماقچى بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلەنگەن.

    «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى

    مەنبەسى :سوخۇ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك