• 1-مارتتىن باشلاپ پىراۋا نومۇرى يۇيۇشقا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 10:32
  • 1-مارتتىن باشلاپ پىراۋا نومۇرى يۇيۇشقا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ

    2018-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يەنى يەنە تۆت كۈندىن كېيىن پىراۋا نومۇرىنى يۇيۇش ھەققىدە تېخىمۇ قاتتىق يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

    يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئومۇمەن ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە، يانفون ئەپ دېتالى، تور بېكەت قاتارلىق ئاپتوماتىك بېجىرىش يوللىرىدا جەرىمانە كەسىپلىرىنى بېجىرگۈچىلەر ئالدى بىلەن «قاتناش باشقۇرۇش 12123» (交管12123) يانفون ئەپ دېتالىدا ھەقىقىي نام دەلىللەپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئاپتوموبىلىنى باغلىغاندىن كېيىن ياكى قاتناش ساقچىسى جەرىمانە بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىدە يۈز تۇرانە دەلىللەپ باغلىغاندىن كېيىن ئاندىن بېجىرسە بولىدۇ. 

    يەنى پىراۋا مۇناسىپ ئاپتوموبىلغا ئوڭۇشلۇق باغلانمىسا، باشقىلار ئۈچۈن ئېلېكترونلۇق كۆز تارتىۋالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇرۇنقىدەك پىراۋىسى بار، ئەمما ئاپتوموبىلى يوق تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ نومۇر يۇغۇزۇش ياكى پۇل خەجلەپ نومۇر يۇغۇزۇشتەك بەلگىلىمىگە خىلاپ نومۇر يۇغۇزۇش قىلمىشى زور چەكتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. 

    ئەمما «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا ئەزەلدىن پىراۋا دەلىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن باشقىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇ قېتىملىق تەڭشەش بۇ ئەپ دېتالىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

    پەقەت تۆت كۈن ۋاقىت قالدى، تېخى ھەقىقىي نام دەلىللەپ رويخەتكە ئالدۇرمىغان ھەمدە ئاپتوموبىلىنى باغلىمىغان شوپۇر دوستلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ نۆۋەتتە تور ۋە ئەمەلىي بېجىرىش نۇقتىلىرىدا بۇنى بېجىرىشكە بولىدۇ، ئەمما تەلەپ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، بىز بىرلىكتە قاراپ باقايلى:


    «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا بېجىرىش

    ئاپتوموبىلىنى باغلايدىغان شوپۇر دوستلار چوقۇم ئالدى بىلەن «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ياكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسىغا ھەقىقىي نامدا تىزىملىتىشى كېرەك. پەقەت ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىل ۋە بىرلا باشقىلارنىڭ نامىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى باغلاشقا بولىدۇ. باغلىغىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ نامىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بولۇشى ھەمدە چوقۇم كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ياكى كىچىك تىپتىكى يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولۇشى كېرەك. 

    قاتناش ساقچى جەرىمانىسى كۆزنىكىدە بېجىرىش

    باغلاش كەسپىنى بېجىرىدىغان شوپۇرلار ئالدى بىلەن قاتناش ساقچى شۆبە ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى ئادەملىك كۆزنەكتە ھەقىقىي نامدا تىزىملىتىشى كېرەك. 

    ئەڭ كۆپ بولغاندا باشقىلارنىڭ نامىدىكى ئۈچ ئاپتوموبىلنى باغلاشقا بولىدۇ.

    ئىلگىرى-كېيىن باغلىغان جەمئىي ئاپتوموبىلنىڭ سانى بەشتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ («قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا باغلىغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

    ئوخشاش بىر ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا ۋاقتىتا ئۈچ ئابۇنتقا باغلاشقا بولىدۇ. 

    قاتناش ساقچى كۆزنىكىدە بېجىرگەندە ئېنىق بولمىغان ئىشلار بولسا كۆزنەكتىكى ساقچىغا ھال ئېيتىپ بېجىرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما توردا قانداق بېجىرىش كېرەك؟ ئالدىرىماڭ دەيمە، تۆۋەندە ئۇنىمۇ كۆرسىتىمىز.


    قەدەم باسقۇچى: 

    1. ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ شەخسىي نامدا تىزىملىتىسىز

    2. باش بەتتىن «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى» دېگەن تۈرنى تاللاپ ئاپتوموبىل باغلاش بېتىگە كىرىپ، «باشقىلارنىڭ نامىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى» دېگەن تۈرنى تاللاپ ماتېرىيالنى يوللايسىز. 

    3. تەستىقلىنىشنى ساقلايسىز

    سىستېما قىسقا ئۇچۇر، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ئارقىلىق سىزگە تەستىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. 

    تەستىقتىن ئۆتمىسە ماتېرىيالنى قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ماتېرىيال تەمىنلەپ ئۆتمىگەن بولسا، قارا تىزىملىككە كىرىپ قالىسىز، شۇنىڭ بىلەن توردا باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۆزىڭىزنىكىگە باغلاش مەشغۇلاتىنى قىلالمايسىز. 

    يېڭى بەلگىلىمە چىقىش بىلەن كۆپلىگەن شوپۇر دوستلار تۈرلۈك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى، تۆۋەندە بىز سورىلىش قېتىمى يۇقىرى بولغان بىرقانچە سوئالنى رەتلەپ چىقتۇق، شوپۇر دوستلار كۆرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. 


    كۆزنەكتە بېجىرىش ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللار كېتىدۇ؟

    باغلىغۇچى چوقۇم ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى پىراۋىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر باغلىغۇچى باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى باغلىماقچى بولسا يەنە ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ كىملىكى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

    ئاپتوموبىل ئاتا-ئانىسىنىڭ نامىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىراۋىسى بولمىسا چوقۇم يۈز تۇرانە باغلاش كېرەكمۇ؟ 

    يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا بىر دانە باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۆز نامىغا باغلاشقا يول قويۇلىدۇ. ئەگەر پەقەت بىرلا باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى باغلىسا، كۆزنەككە بېرىپ يۈز تۇرانە دەلىللىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. 

    تاكسى ياكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى قانداق قىلىدۇ؟

    يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئوخشاش بىر ئاپتوموبىلنى پەقەت ئۈچ ئابۇنت بىرلا ۋاقىتتا ئۆز نامىغا باغلىسا بولىدۇ. شۇڭا تاكسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردەك ھەرىكەتچانلىقى كۈچلۈك، ئۇمۇ-بۇمۇ ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىللارنى قانداق باغلاپ قانداق نومۇر يۇيۇش بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە توردىكى «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا ئۆز نامىدىكى ئىككىلا ئاپتوموبىلنى باغلاشقا بولىدۇ، شىركەت ئاپتوموبىلىنى باغلاشقا ماس كەلمەيدۇ. كونكرېت قانداق باغلاش، قانداق بىكار قىلىش ھالقىلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېلان قىلىش زۆرۈر. 


    باغلاشتىن بۇرۇنقى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى باشقىلارنىڭ نامىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولامدۇ؟

    3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە ئەگەر باشقىلارنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىلدا كۆرۈلگەن غەيرى نەق مەيداندا يۈز بەرگەن (ئېلېكترونلۇق كۆز قاتارلىقلاردا خاتىرىلىنىپ قالغان) بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئىمكانقەدەر 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. پەقەت تۆت كۈن قالدى، شوپۇر دوستلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتقايسىلەر!

    ئەلۋەتتە بۇ پەقەت ۋاقىتلىق چارە، ئەڭ ياخشى چارە قاتناش قائىدىسىگە رېئايە قىلىپ، نومۇر تارتقۇزماسلىق. شۇنداقلا ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق بولمايدۇ. 

    مەنبەسى :ئەيكا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك