• سامسۇڭ +Galaxy S9/S9 يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 11:22
  • سامسۇڭ +Galaxy S9/S9 يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى

    خۇاۋېي بىلەن نوكىيا 25-فېۋرال كەچ ئارقا-ئارقىدىن يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 26-فېۋرال سەھەر سائەت 1:00دە، سامسۇڭ شىركىتى يېڭى ئەۋلاد Galaxy S يۈرۈشلۈك بايراقدار يانفونى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، S9 ۋە +S9دىن ئىبارەت بۇ ئىككى بايراقدار يانفوننى رەسمىي نامايەن قىلدى! بۇ ئىككى يانفوننىڭ لايىھەسى ئىلگىرىكى خەۋىرىمىز بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك!

     

    سامسۇڭ Galaxy S9 ۋە +S9 يانفونىغا 10nm تېخنىكىسىدا ياسالغان سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ (كۇۋالكومنىڭ سناپدراگون 845 ياكى سامسۇڭنىڭ Exynos 9810 تىپلىق) سەپلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە S9غا 4GB RAM+64GB ROMلىك ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ۋە 5.8 دىيۇملۇق ئەگمە يۈزلۈك پۈتۈن ئېكران (ئەگمە ئېكران+پۈتۈن ئېكران) سەپلەنگەن؛ +S9 يانفونىغا 6GB RAM+64GB ROMلىك ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ۋە 6.2 دىيۇملۇق ئەگمە يۈزلۈك پۈتۈن ئېكران سەپلىەنگەن. بۇ ئىككى خىل يانفونغا ئوخشاشلا 18.5:9لىك ئېكران ئىشلىتىلگەن، پەرق ئېتىشچانلىقى 2960×1440 پىكسېلغا يېتىدۇ.

    كامېراسىغا كەلسەك، S9 تاق كامېرالىق بولۇپ،F1.5/F2.4لىك ئۆزگىرىشچان ئوپتىك چەمبىرەكلىك ئاساسىي كامېرا ئىشلىتىلگەن، ئېنىقلىقى 12 مىليون پىكسېل ؛ +S9 قوش كامېرالىق بولۇپ، ھەر بىر 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا S9دىكى بىلەن ئوخشاش. بۇ يانفونلارنىڭ ئالدى تەرىپىگە بىردەك F1.7لىك سەككىز مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورنىتىلغان.

    S9غا 3000mAhلىك باتارېيە، +S9 قا 3500mAhلىك باتارېيە ئىشلىتىلگەن؛ رەڭدار پەردە، بارماق ئىزى ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بىيولوگىيەلىك تونۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن؛ قوش كارتا ۋە ساقلاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللايدۇ.

    S9 ۋە +S9 نىڭ كونكرېت سەپلىمە سېلىشتۇرمىسى تۆۋەندىكىدەك:

    بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU): سناپدراگون 845 ۋە سامسۇڭ Exynos 9810 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ (ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە كورېيەگە قارىتىلغان)؛

    ئىچكى ساقلىغۇچ: S9نىڭ 4GB، +S9نىڭ 6GB؛

    ساقلاش بوشلۇقى: 64GB128GB256GBلىك ئۈچ خىل، ئەڭ چوڭ بولغاندا 400GBغا كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

    سىستېما: ئاندىرويىد 8.0 ئالدىن قاچىلانغان

    باتارېيە: S9نىڭ باتارېيەسى 3000mAhلىك، +S9نىڭ باتارېيەسى 3500mAhلىك

    تور شەكلى: 4X4 MIMO / CA،LAA،LTE Cat.18 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ؛

    ئالاھىدە ئىقتىدارلار:

    سۈرەتكە تارتىش:

    S9 ۋە +S9نىڭ كامېراسىغا بىردەك قوش يادرولۇق سېنزور ئىشلىتىلگەن، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش ۋە قوش OIS سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ كەڭ بۇلۇڭ + ئۇزۇن فوكۇس ھالىتى قوشۇلغان؛ كامېرا ئوپتىك چەمبىرىكى F1.5/F2.4لىك ئىككى خىل بولۇپ، ئەتراپ بەك قاراڭغۇ ياكى بەك يورۇق بولغاندا ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ.

    AR Emoji: چىراي تونۇش ئاساسىدىكى Emoji ئىقتىدارى «ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئابۇنتنىڭ 2D سۈرىتىنى ئانالىز قىلىپ، 100دىن ئارتۇق چىراي بەلگە نۇقتىسى تېپىپ چىقىدۇ، ئاندىن ئابۇنتلار چىراي ئىپادىسىنىڭ ئۆزگىرىشنى رېئال ۋاقىت بويىچە ئىز قوغلاپ تەقلىد قىلالايدىغان 3D مودېل قۇرۇپ چىقىپ، چىراينىڭ 3D ھەرىكەت ھالىتىنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ.

    Bixby 2.0: بۇ سامسۇڭنىڭ ئەقلىي ئاۋاز ياردەمچىسى، ئەسلىدىكىسى ئاساستا 2.0 نۇسخىسىدا سۈرەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تونۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، يانفون كامېراسى تارتقان سۈرەت ئۈستىدە رېئال ۋاقىت بويىچە تەرجىمە قىلىش ۋە پۇل بىرلىكىنى ئالماشتۇرۇش دېگەندەك ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، NFC ۋە IP68 ئىقتىدارى ھازىرلانغان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك