• ھەممە ئادەم ئىشىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە خاتا بەش خىل سوغۇق بىلىم

  • يوللىغۇچى : دىلبايتان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 03:20
  • ھەممە ئادەم ئىشىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە خاتا بەش خىل سوغۇق بىلىم

    چوڭلار دائىم تېلېۋىزورنى يېقىن تۇرۇپ كۆرسە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەپ قاراپ، بالىلارنى يىراققا ئولتۇرغۇزىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمۇشتىكى بىلىملەر راست شۇنداقمۇ؟ تۇغۇلغاندىن تا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىش يۈز بېرىپ كەلدى، ھېچكىم سەۋەبىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ باقمىدى، پەقەت ئۇزۇندىن تارقىلىپ يۈرگەن مەلۇماتقا ئىشىنىپ كەلدى. بۈگۈن كۆپچىلىككە كىشىلەر ئىشىنىدىغان، لېكىن خاتا بەش ئەپقاچتى گەپنى دەپ بېرىمەن!

    ▼ ئورۇقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى تېز بولامدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە بەدىنى نىسبەتەن ئورۇق كىشىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىش نىسبىتى ئاستىراق بولىدۇ، چۈنكى بەدەندىكى ئېرىيدىغان نەرسىلەر ئاز بولىدۇ.

    ▼بارماق ئىزى بىردىنبىرمۇ؟

    ئەمەلىيەتتە بارلىق ئادەملەرنىڭ بارماق ئىزىنى سىناق قىلىپ باقمىغان، بارماق ئىزىنىڭ بىردىنبىر بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بارماق ئىزىنى ئىسپات قىلىشمۇ ھەرخىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئېرىشكەن نۇسخىمۇ ئۇنچە توغرا چىقىپ كەتمەيدۇ.

     ▼ ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ پەقەت %1 نى ئىشلىتەمدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە ئادەم ئۇخلىغاندا مېڭى داۋاملىق خىزمەت ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ، ھەتتا ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشمۇ شۇنداق، شۇڭلاشقا ئىنسانلار مېڭىنىڭ ھەربىر بۆلىكىنى دېگۈدەك ئىشلىتىدۇ، يەنە كېلىپ ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ.

    ▼ ئادەم پەقەت بەش سەزگۈ ئەزاسى بىلەن ھېس قىلامدۇ؟

    ئاڭلاش، تېگىش، پۇراش، كۆرۈش، تەم سەزگۈسىدىن باشقا، يەنە رەڭ سەزگۈ، يورۇقلۇق دەرىجىسى، قىچىشىش، بېسىم تۇيغۇسى، ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرا سېزىمى قاتارلىقلار بولۇپ، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلسا 21دىن ئاشىدۇ.

    ▼تېلېۋىزورغا يېقىن ئولتۇرۇپ كۆرسە، يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالامدۇ؟

    يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئېرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە تېلېۋىزورغا يېقىن ئولتۇرۇپ كۆرۈش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە كۆزنى يارىلاندۇرۇپ قويىدىغان ھېچقانداق دەلىل–ئىسپات يوق. (بۇ گەپكە گۇمانىم بار، ئوقۇرمەنلەرمۇ گۇمان قىلارمۇ)

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك