• مۇقىملىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 06:42
  • مۇقىملىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى

    قۇتۇبى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىرى رىزۋانگۈل ھامۇت

    باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىقتىن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققىچە بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا، مەن ئىزچىل پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ كەلدىم، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى، مەن ئۇلۇغ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

      ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ نەتىجىلەرنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئورتاق قولغا كەلتۈرگەن. «بىر تال چوكىنى سۇندۇرماق ئاسان، ئون تال چوكىنى سۇندۇرۇش قىيىن»، دۈشمەن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، دېمەك، ئىتتىپاقلىق − ئەڭ زور كۈچ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ جان تومۇرىمىز، بىز ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق كۈچى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

      شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن كۈرەش. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل سۇيىقەستى ئالدىدا، بىز يامان غەرەزلىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا ۋە تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك، مۇقىملىقنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر تونۇشتا مۈجمەللىك قىلماي، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئۆزگەرتمەسلىكىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

      پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئەۋزەللىكىمنى ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەشتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىسى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك