• ھاياتلىقتىكى ئامالسىز بۇ ئىشلارنى تاشلىۋىتىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 02:56
  • ھاياتلىقتىكى ئامالسىز بۇ ئىشلارنى تاشلىۋىتىڭ

    سىزنى تاشلاپ كەتكەن كىشىلەر

    ئۇ سىزنى تاشلاپ كەتتى ئەمەس، بەلكى، سىز ئۇنى تاشلىۋەتتىڭىز، ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئايرىلىشلار بار، ئايرىلىش، بەلكىم، تېخىمۇ ياخشى بولغان ھالەتتە قايتا ئۇچرىشىشتۇر.

    ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت

    ۋاقىتنىڭ ئېقىشى سۇدىنمۇ تېز، شۇڭا، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەستە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى قىلىۋېلىڭ، ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ ئەقەللىيسى ئۆزىگە يۈز كېلەلىشى كېرەك.

    سىزنى بېسىۋالماقچى بولغان «تام»

    بەلكىم بۇ تام سىزنى بېسىۋېلىشى، سىزنى نەپەس ئالدۇرماسلىقى ۋە ياكى سىزنى بارلىقىڭىزدىن ئايرىۋېتىشى مۇمكىن، ناۋادا، سىز قوبۇل قىلىشنى تاللىسىڭىز سىزنى باسىدىغىنى يەنىلا شۇ تام، ئەگەر قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنىڭ سىز ئويلىغاندەك چىدىغۇسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز. مەڭگۈ ئارقىڭىزغا چېكىنمەڭ، چېكىنىۋەرسىڭىز، ئاخىرىدا چېكىنگىدەك يول قالمايدۇ.

    سىز ئامالسىز بولغان كېلىپ چىقىش

    بەزىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا پادىشاھ، بەگزادە، خانىش، مەلىكە، بەزىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئاددىي ئىنسان، مىڭ قاقشاپ يىغلىسىڭىزمۇ كېلىپ چىقىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، شۇڭا ئازابلىنىپ يۈرگەندىن، ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىڭ.

    غېرىبلىق تۇيغۇسى

    ھەرقانداق ئىنساننىڭ تۇرۇپلا غېرىبسىنىپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئەگەر بۇ ھېسسىياتقا داۋاملىق يول قويسىڭىز مەڭگۈ غېرىب ياشايسىز.

    ساراڭلارچە ياخشى كۆرۈش

    ئىنسان ھاياتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ئەمما بۇ سۆيۈش ئەمەس، سىز نۇرغۇن كىشىنى ياخشى كۆرەلەيسىز، نۇرغۇن كىشىلەرمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما سۆيىدىغىنىمىز پەقەت ۋە پەقەت بىر.

    ئۇنتۇيالمايدىغان ئەسلىمە

    ئۆز كۆڭلىمىزدە مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان ئىشلارنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇيمىز. شۇڭا قۇرۇق ئەسلىمىلەر ئىچىدە ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلماڭ.

    ئۆتمۈش

    ئالدىنقى دەقىقە مۇشۇ دەقىقىدە ئۆتمۈشكە ئايلاندى، سىزنىڭ داۋاملىق ئۆتمۈشنى ئەسلىشىڭىز، سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تۈنۈگۈننى تاشلاڭ-دە، گۈزەل ئەتىنى يارىتىڭ.

    باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى

    ئېغىز باشقىلارنىڭ بىز ئۇنى كونترول قىلالمايمىز، ئەمما، قۇلاق بىزنىڭ شۇڭا ئاڭلاش ئاڭلىماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق. 

    قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۆلۈم

    ھاياتلىق بىر جەريان، ئۆلۈم نەتىجە. ئەمما، جەرياننى قانداق بېسىش ئۆزىمىزگە باغلىق. ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭ.

    تۇرمۇشتا، تىرىشساقلا ھەممىگە ئېرىشىشىمىز ناتايىن. كۆپ ۋاقىتلاردا، بىز نۇرغۇن ئىشلارغا ئامالسىز ۋە ئىمكانسىز. ۋاقىتنىڭ بىز ئۈچۈن توختاپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئازاب چېكىشنىڭ ھاجىتى يوق. 

    مۇھەببەتنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلىمەن دەپ يۈرمەڭ. ئۆلۈمنىڭ نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئىشلارنى تاشلىۋېتىپ ئازادە ياشاڭ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك