• ئۇيقۇڭىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تۆۋەندىكى ناچار ئادەتلەرنى بىلىۋېلىڭ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 02:22
  • ئۇيقۇڭىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تۆۋەندىكى ناچار ئادەتلەرنى بىلىۋېلىڭ

    دوستلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلىقىغا ئىشىنىمەن، يەنى: گەرچە كەچ سائەت توققۇز بىلەنلا ئۇخلاپ بولغان بولسىمۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا يەنىلا تېتىك ئورنىدىن تۇرالماسلىق، يەنىلا ناھايىتى ھارغىنلىق بىلەن خىزمەتكە مېڭىش، خۇددى ئۆزىنى بىر كېچە ئۇخلىمىغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىلەر زادى قانداق پەيدا بولغان؟ 

    كەچتە بالدۇرلا ئۇخلاپ، ئەتىگىنى سەھەر تۇرماي كۈنى چۈشكىچە ئورنىدىن تۇرماسلىقتەك بۇنداق ئۇيقۇ «مەست ئۇيقۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئۇيقۇ ئۇزۇن داۋاملاشسا ئادەم تېنىدىكى نورمال «بىئولوگىيەلىك سائەتنى» قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ ھارغىن ھېس قىلدۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇنداقتا يەنە بۇنىڭدىن باشقا، قانداق ناچار ئادەتلەر سىزنى «قانچە ئۇخلىغانسېرى شۇنچە ھاردۇرۇۋېتىدۇ؟».

    1.ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق تويۇنۇپ تاماق يېيىش.

    نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ناھايىتى تويۇنۇپ تاماق يەۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاشقازان ھەزىم قىلىشنى تېزلەشتۈرىدۇ ۋە توختىماي چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدۇ، چوڭ مېڭە توختىماي غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، ئۇخلاشقا ناھايىتى چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە: «ئاشقازان تويۇنۇپ تۇرسا چوڭ مېڭىگە ئارام بولماس» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەتئىي كۆپ غىزالانماسلىق لازىم. 

    2.ياستۇقنى ھەددىدىن زىيادە ئېگىز قويۇپ ئۇخلاش.

    فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەتتە ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى 8-12سانتىمېتىرغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. ياستۇق ھەددىدىن زىيادە پاكار بولسا بويۇنغا ئاسانلىقچە يەل تۈرۈپ قالىدۇ ھەمدە مېڭىگە ئېقىپ كىرىدىغان قاننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، ئاسان باش قېيىش ۋە قاپىقى ئىششىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    ياستۇقنى  زىيادە ئېگىز قويۇپ ئۇخلىغاندا نەپەس يولىغا ناھايىتى چوڭ تەسىرى بولىدۇ، ئاسانلا خورەك تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا، بويۇن قىسىمى بىئارام بۇلۇش ياكى دۈمچەك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كىيىم كىيىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

    3.بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش. 

    ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە نۇرغۇن كىشىلەر بېشىنىمۇ ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. يوتقان ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ مىقدارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئوكسىگېن مىقدارى بارغانسېرى ئازلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت بۇخىل نەم ھاۋادا نەپەس ئالغاندا، چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. 

    ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇيقۇ ياخشى بولمايدۇ، ئاسانلا قارا باسىدۇ. ئويغانغاندىن كىيىن باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، روھى چىقىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. 

    4.زاپاس ئۇيقۇ 

    نۇرغۇن كىشىلەر كۈندۈزى كۆپ ئۇخلىۋالسا كېچىسى ئۇخلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم تېنى بۇنداق زاپاس ئۇيقۇغا موھتاج ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىيەتتە كۈندۈزى بىر نەچچە سائەت ئارتۇق ئۇخلىۋېلىش بىلەن كېچىدە ئۇخلىماسلىقنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئادەم تېنى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا موھتاج، ئارتۇقچە ئۇيقۇ ۋە زىيادە كەم ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىگە يەنىلا زىيانلىق. 

    5.تەتۈر ئۇيقۇ

    بەزى كىشىلەر كېچىلىرى تۈنىگەندىن كىيىن  ئارقىدىن كېچىلىك ئۇيقۇسىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن يەنە ئۇخلىماقچى بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئۇخلاش ئۇزۇن داۋاملاشسا بىئولوگىيەلىك سائەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۈندۈزى چارچاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، مۈگدەش، ئاخشىمى ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا ئادەمنى ئاسانلا قېرىتىۋېتىدۇ.

    6.ئۇخلاشتىن بۇرۇن كاللىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش. 

    ئاخشىمى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادىتى بار كىشىلەر ئامال بار كاللا ئىشلىتىدىغان، كاللىنى چارچىتىدىغان ئىشلارنى بالدۇر قىلىپ تۈگىتىشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن راھەت، يېنىك ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. كاللا قانچە ئەركىن بولسا شۇنچە ئاسان ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرەلەيدۇ. 

    ئۇنداق بولمىغاندا چوڭ مىڭە ئىزچىل جىددىي خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇۋېلىپ، ئۇيقۇغا كىرىش تەسلىشىدۇ ۋە ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    7. ناھايىتى كەچ ئۇخلاش

    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇنى ئارقىغا سۈرۈپ، كېچىسى تۈنەيدىغان ناچار ئادىتى بار بولۇپ، ئۇلار مۈگدەپ ئاخىرى بولالمىغاندا ئاندىن ئۇخلاشنى ئويلىشىدۇ. ئۇخلاش ئۈچۈن كارىۋاتقا چىققاندىمۇ بىر نەچچە سائەت تېلېفون ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەك كەچ ئۇخلاشمۇ ئادەم بەدىنىگە ۋە نورمال ئۇيقۇ سۈپىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

    جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇيقۇنى بەك كەچكىچە سوزماسلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ، ئەڭ ياخشى كەچ سائەت 9-10لاردا ئۇخلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى كەچ سائەت 11دىن كىيىن ئۆتنىڭ خىزمىتى ئاكتىپلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم روھلىنىپ ئۇيقۇغا كىرىشى تەسلىشىدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە ئۇخلىيالمايدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك