• ناشتا قىلماسلىقنىڭ 5 چوڭ زىيىنى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 02:45
  • ناشتا قىلماسلىقنىڭ 5 چوڭ زىيىنى

    بىلەمسىز، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا يېرىمدىن كۆپ ياش ناشتا قىلمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە ناشتا ئىنتايىن مۇھىم، تۆۋەندە ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىيانلىرىنى كۆرۈپ يەنە ناشتا قىلماي يۈرەمسىز.

    كىشلەرنىڭ ناشتىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئۈچۈن، ياشلار ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئەتىگەنلىك تاماققا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلغان، 2000 كىشىنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، تەكشۈرىشىچە، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ياشلار بولۇپ، بۇ بويتاق ياشلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ئىكەن.

     چۈشىنىش تېخىمۇ قىيىن بولغىنى، كۆپ سانلىق زىيارەت قىلىنغۇچىدا ناشتىغا نىسبەتەن ئىككى خىل ئاساسلىق مەسلە ساقلانغان. بىرىنچىسى، ناشتىنىڭ تۈرى ئاز. ئىككىنچىسى، ناشتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەتراپلىق مول ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە، %50.9 زىيارەت قىلىنغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ناشتىلىق تىجارەت ئىلتىماس رەسمىيتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش تەكلىپى بەردى. بۇ زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىچىدە توي قىلغانلارنىڭ ناشتا قىلىش نىسبىتى توي قىلمىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن.

    «يېڭى كۈن كۆڭۈلدىكىدەك ناشتىدىن باشلىنىدۇ». ئومۇمەن كۆپلىگەن كىشلەر ئاغزىنى چايقىغاندىن كېيىن ئادەت بويىچە ناشتا قىلىدۇ، ناشتا قىلىش ئادىتى يوق ياكى ئۈلگۈرەلمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بىر كۈنلۈك تاماق ئىچىدە ئەتىگەنلىك ناشتا ئەڭ مۇھىم، قانۇنىيەتلىك ھەم قۇۋۋەتلىك ناشتا، بولۇپمۇ بالىلار ھەم ياشلارغا نىسبەتەن بەدەنگە كۆپ پايدىلىق، چۈنكى بۇ دەل ئۆسۈش باسقۇچى، ئەگەر ناشتا قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرمىسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېنىنىڭ ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئەمما، كىشلەرنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن كىشلەر ناشتا قىلالمايدىغان، ناشتىسى تۇراقسىز بولۇش جەمىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋالىغان ئايلاندى، ئارام ئېلىش كۈنىدىمۇ شۇنداق، ھەتتا بىر قىسىم ياشلار ناشتا ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ ئۇخلايدۇ.


    ناشتا قىلماسلىقنىڭ قانداق زىيىنى بار:

    1.ناشتا قىلمىسىڭىز قەۋزىيەت بولۇپ قالىسىز. نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قەۋزىيەت بولۇش تارىخى بار، تۇرمۇشتا كۆپچىلىك يېمەك ئىچمەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىش ياكى يېمەك ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ناشتا قىلماسلىق قەۋزىيەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى.

    2.ناشتا قىلمىسىڭىز ئىنكاسىڭىز ئاستىلاپ كېتىدۇ. ناشتا قىلمىغاندا ئادەم بەدىنگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەمىنلەنمەي، بەدەن سەرپىياتىغا يېتەرلىك قان شېكىرى تەمىنلەنمىسە، كىشىنى چارچاش ھېس قىلدۇرۇپ، روھسىز، ئىنكاسى ئاستا قىلىپ قويىدۇ.

    3.ناشتا قىلمىسىڭىز بودەكلەر توپىغا يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلايسىز. ھازىر نۇرغۇن كىشلەر بودەكلىشىشكە يۈزلەندى، سەمىرىش ناشتا قىلماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ناشتا قىلماسلىق ماينىڭ سەرپ بولىشىغا پايدىسىز، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى تېخىمۇ كۆپ يېگۈزۈپ، سەمرىتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بار.

    4.ناشتا قىلمىسىڭىز ئاستا خاراكتېرلىق كېسەل سىزنى ئىزدەپ تېپىشى مۇمكىن. ناشتا قىلماي ئاچ ھالەتتە بىر ئەتىگەن بەرداشلىق بەرسىڭىز، بەدىنڭىزدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، زېھنىي كۈچ بولمايلا قالماي، ئۇزاق داۋاملاشسا بەدەندە نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، مەسلەن: قالقانسىمان بەز، قوشۇمچە قالقانسىمان بەز، مېڭە ئاستى بېزى قاتارلىق، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ قېلشىڭىز .

    5.ناشتا قىلمىسىڭىز ئاشقازان ئۈچىيىڭىز غەلۋە قىلىشى مۇمكىن. ئىشىنىمىزكى، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي كېسىلى بار، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى دېگەندەك، بۇ كېسەللىكنىڭ بېشى ئۆلچەملىك ناشتا قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك