• 19 ياشلىق ماشىنا رېمونتچىسى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 02:13
  • 19 ياشلىق ماشىنا رېمونتچىسى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 19 ياشلىق قىزچاقنى ھەقىقەتەنمۇ «كۆپ قىرلىق تالانتلىق قىز» دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەم ماشىنا رېمونت قىلالايدۇ ھەم ھەرخىل گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا، ئۇ يەنە تېخى قاۋاقخانىدا مۇلازىمەتچىلىكمۇ قىلىدىكەن.

    ئېلزابېس جېنكىنس نۆۋەتتە ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 300 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بۇ كەسپتە ئارانلا ئىككى قىز بار، ئۇ دەل بىرسى. بۇ دەرسلىكنى ئۆگىنىش ئاساسلىقى ھەرخىل ماشىنىلار بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ، كىچىك تىپتىكى پىكاپ، يۈك ماشىنىسى، كىران ھەمدە توپا قېزىش ماشىنىسى دېگەندەكلەر ئۈچ ۋاق تامىقىغا ئوخشاش ياد بولۇپ كەتكەن. ئېلزابېس ئادەتتە مايلىشىپ كەتكەن خىزمەت فورمىسىنى كىيىپ، قولىغا ئامبۇر، بولقا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.

    بىراق ئېلزابېس ئۇچىسىغا گۈزەل مۇراسىم كىيىمى كىيىگەندە بولسا پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۇ «ۋېلىش خانقىزى»نى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى 32 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپرېل ئېيىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يەڭگۈچىلەر يىل ئاخىرىدا فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا خانقىزىنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

    ماشىنا بىلەن ھەپلىشىش ۋە گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشقا، ئېلزابېسنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار. ئۇ بولسىمۇ قاۋاقخانا ئايال مۇلازىمەتچىسى. ئۇنىڭ بۇ ئۈچ خىل سالاھىيەت ئارىسىدا ئۆزگىرىپ يۈرۈشىنى خىيال قىلىش تەسكە چۈشسە كېرەك. بىردە مايلىشىپ كەتكەن خىزمەت فورمىسىنى، بىردە مۇلازىمەتچى كىيىمىنى، بىردە پارقىراپ تۇرىدىغان مۇراسىم كىيىمىنى كىيىش، نېمىدىگەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەر بۇ...

    بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلزابېس ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس. ئۇ ھازىر بىر ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەرس ئوقۇيدىغان بولۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت دەرىسىدىكى نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى. ئۇ ماشىنىنى شۇنداقلا كەسپىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ يەنە پىكاپىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بىر قىىسم زاپچاسلارنى قوشقان. ئۇنىڭ غايىسىدەك ئاپتوموبىل بولسا فورد ياۋا ئات بولۇپ، ئۇ شۇ پاسوندىكى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە كۈچىنى ياقتۇرىدۇ.

    گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئېلزابېسنىڭ ئىشەنچى يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چىشىدا ئازىراق مەسىلە بولۇپ، بەلكىم بۇ كېيىنكى نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ چېمپىيون بولالمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، بىراق يەنىلا سىناپ بېقىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلانماقچى بولدى.

    ھازىر ئېلزابېس يەنە ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىزلارنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ پەقەت ئەرلالا قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇكەممەل قىلالايدۇ.

    مەنبەسى :sina




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك