• دائىم باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئويلاشمۇ بىر خىل كېسەللىك

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:51
  • دائىم باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئويلاشمۇ بىر خىل كېسەللىك

        ئىش بولسا ئۆزى ھەل قىلىش، ئامال بار باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىق ھەقىقەتەن تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ بەلگىسىدۇر، ئەمما قىيىن مەسىلىگە ئۇچراپ ھەل قىلالماي باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە پىكىرىگە ئېھتىياجلىق تۇرۇپمۇ، باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھەمدە شۇ سەۋەبلىك بىئارام بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يۆلىنىش ھاجەتسىز بولغان ئىقتىدارسىز ئادەم بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ دەل ئەتراپىڭىزدىكى يېقىنلىرىڭىزنىڭ سىزدىن «سەن بىلەن بىللە بولغاندا مەۋجۇتلۇق ھېسسىياتى تاپالمىدۇق» دەپ ئاغرىنىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.   

        ئامېرىكىنىڭ كىلىنىكىلىق پىسىخولوگىيەشۇناسلىرى جانا ۋېنخولد ۋە باررى ۋېنخولد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر خىل كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارغا تايانغان چاغدا قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ، ئامال بار باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولۇشتىن قاچىدۇ، بۇ خىل يۆلىنىۋېلىش ھاجەتسىز بولغان ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ  كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە ھېسسىياتىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

        كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى خالىمايدىغانلار ئادەتتە «كىشىلەر ئارا ئالماشتۇرۇشتىن قېچىش»قا مايىللاشقان بولىدۇ، باشقىلارغا ئامالسىز تايىنىدىغان ياكى تاشقى دۇنيادىن ياردەم ئىزدىگەن چاغدا ئۇلاردا كۈچلۈك نومۇس ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولىدۇ. ھېسسىيات جەھەتتە باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى خالىمايدىغانلار ئۆزىنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە دېيىشنىمۇ خالىمايدۇ، باشقىلاردىن تەسەللىي ئىزدىمەيدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى خالىمايدۇ.

        ئەمەلىيەتتە ئۇلار باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە تايىنىۋېلىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ «يۆلىنىۋېلىش» قا قارىتا ئەسلىدىنلا  سەلبىي قارىشى بولغاچقا، كۆڭلىدە «ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش كېرەك» دەپ ئويلايدۇ، ھەتتا يېقىنلىرى بولسىمۇ بەدەل تۆلەش ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ، سەن دېگەن سەن، مەن دېگەن مەن، دەپ قارايدۇ. باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ تايىنىشىنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا تايىنىشقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا باشقىلار بىلەن تۇراقلىق ۋە چوڭقۇر كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالماسلىق بولىدۇ.

        ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆيدىكىلەرگە ۋە دوست-بۇرادەرلەرگە مۇۋاپىق يۆلەنگىلى بولىدۇ؟ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى 80 نەچچە يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت سۈپىتى بىلەن كىشىلىك ھايات بەخت دەرىجىسىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىزنى تېخىمۇ بەختلىك، خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىز ھەممىمىز يېگانە ئارال ئەمەس، مۇۋاپىق يۆلىنىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشمۇ ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك