• رۇسىيەدىكى ئىككى «چايان ساھىبجامال» ئادەم بېدىكىگە ئايلاندى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:12
  • رۇسىيەدىكى ئىككى «چايان ساھىبجامال» ئادەم بېدىكىگە ئايلاندى

    كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى ئىككى گۈزەللەر خانىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى «چايان ساھىبجامال» بالا باققۇچى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز دېگەننى يەمچۈك قىلىپ، 18 ياشلىق قىزنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئادەم بېدىكلىرىگە سېتىپ، 19000 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 160 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ئېرىشمەكچى بولغاندا، ئاخىرىدا موسكۋا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان.

    ئىككى گۈزەللەر خانىشى ئايرىم-ئايرىم 22 ياشلىق سىتامىكوۋا بىلەن 19 ياشلىق پېتىرئوۋا بولۇپ، سۈرەتتىكىسى سىتامىكوۋا. رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىتامىكوۋا 2017-يىللىق رۇسىيە گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مودېللىق ۋاستىچى شىركىتى ئېچىپ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانىكەن. ئۇ يەنە قوشۇمچە چېنىقىش تىرېنېرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن.

    سۈرەتتە، پېتىرئوۋا. ئۇ رۇسىيەنىڭ 2018-يىللىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ خانىشى، ئىككەيلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى موسكۋا ئايرودرومىدىن ئېلىپ تۈركىيەگە بېرىپ ھەمدە شۇ جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە پاسپورتى قاتارلىقلارنى تاشىلىۋەتمەكچى بولغان.

    تەلەيگە يارىشا، بۇ ئىككەيلەن ئالاقىلاشقان 190000 فوندستېرلىڭلىق سېتىۋالغۇچى ساقچىلارنىڭ «ئىشپىيونى» بولۇپ، ئۇلار ئايروپىلانغا چىقماي تۇرۇپلا قولغا ئېلىنىپ، نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئىككەيلەن ئادەم سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

    بۇ قېتىملىق 18 ياشلىق قىزنى ئوتتۇرا شەرققە ئاپىرىپ سېتىش پىلانىنى ئاساسلىقى سىتامىكوۋا بىر قوللۇق پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھەربىي يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ، 14 ئايلىق قىزىنىڭ يالغۇز ئانىسىغا ئايلانغان. تەقى-تۇرقى «ئاتتەك» ئەمما دىلى چاياندەك زەرھەر بۇ ئىككەيلەن قىلمىشى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك