• پارىژ سانت گېرماننىڭ ئۇزغۇنلۇق بېلەت باھاسى 7300 ياۋروغا ئۆرلىدى

  • يوللىغۇچى : دىلنۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 07:22
  • پارىژ سانت گېرماننىڭ ئۇزغۇنلۇق بېلەت باھاسى 7300 ياۋروغا ئۆرلىدى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتە سەھەردە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ، ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى مېھمان مەيداندا 3:1 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان بولۇپ، ئاللىقاچان چېكىنىش يولى يوق ھالەتكە ئۆتۈپ بولغان، خانلىق مادرىدمۇ ئۇزغۇنلۇقتىن باشقا مۇسابىقىلەردە ئاللىقاچان چېمپىيونلۇق بىلەن خوشلۇشۇپ بولغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندا ئۈچۈن بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە بولۇپ قالدى، يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر بولغاچقا بۇ مۇسابىقىنىڭ بېلەت باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتتى.

    تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقىنىڭ بىر تال بېلىتىنىمۇ تاپماق ئىنتايىن قىيىن بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنىڭ ئورگان تورىنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق ساتماقچى بولغان سانى ئانچە كۆپ قالمىغان بېلەتلىرىمۇ نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ بولغان، ئورگان تورىغا مەنسۇپ بولمىغان باشقا بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدا بېلەتنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بىر بېلەتنىڭ باھاسى 7300 ياۋرو (تەخمىنەن 56840 يۈەن خەلق پۇلى)غا چىققان.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن كۇلۇب ئەزالىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى بۇ مۇسابىقە بېلىتىنى سېتىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقان، ئۇلارنىڭ قويغان باھاسىمۇ بىر يىللىق ئەزالىق پۇلى بىلەن تەڭلەشكەن. 

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك