• سەل تۇرۇپ باشلىنىدىغان پارىژ VS خانلىق مادرىد مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-07 02:34
  • سەل تۇرۇپ باشلىنىدىغان پارىژ VS خانلىق مادرىد مۇسابىقىسىگە ئالدىن نەزەر

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 1:45تە، 2017/2018-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد 1:3 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلغان، زادى كىم ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىرەلەيدۇ؟ بۇ ھەممەيلەننى تەقەززا قىلىۋاتقان بىر مەسىلە، قېنى ئەمىسە بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققىتىمىزنى بېرەيلى:

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2017/2018-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر 1:45دە.

    مۇسابىقە مەيدانى: شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانى

    كۆرۈش نۇقتىسى 1: پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ تەتۈر ئېشىش ئىستىكى كۈچلۈك.

    تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى مەيدان ۋەزىيىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھەمدە بىر توپ ئالدىدا تۇرغان شارائىت ئاستىدا، خانلىق مادرىد كوماندىسى كەينى-كەينىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بۇ ياخشى ئەۋزەللىكتىن مەھرۇم قىلدى، ئەمدى ساھىبخان مەيدانغا قايتىپ كەلگەن پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىرىشىمۇ قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، ئەمما خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇداپىئە سېپىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، يېقىنقى ئون مەيدان مۇسابىقىدە، پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا توپ كەتكۈزمىدى، بۇمۇ بەلكىم پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن، تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، 1993-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۇنجى ئايلانمىدا 1:3 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان شارائىت ئاستىدا، كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە 1:4 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنى شاللاپ، تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 25 يىل بۇرۇنقى بۇ ھالەتنى بۈگۈنگە كۆچۈرۈپ كېلەلەمدۇ يوق؟ بۇمۇ ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەسىلە.

    كۆرۈش نۇقتىسى 2: رونالدونىڭ ئۇزغۇنلۇق رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىشى.

    بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى يەتتە مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە رونالدو توپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈشىنى قوشقاندا، رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا سەككىز مەيدان توپ كىرگۈزدى، بۇمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى قالتىس رېكورتقا يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ 2003/2004-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە   ۋان نىستېلروي ياراتقان ئۇدا توققۇز مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو پەقەت توپ كىرگۈزەلىسىلا ئۇ رېكورت بىلەن تەڭلىشىدۇ.

    كۆرۈش نۇقتىسى 3: دىمارىيانىڭ نېيمارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ۋە خانلىق مادرىدنىڭ ئىككى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ يارىلىنىشى.

    ئىككى كوماندا يېقىندىن بېرى يارىلىنىشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي كەلدى، ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغىنى نېيمارنىڭ يارىلىنىشى، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا دىمارىيانىڭ نېميارنىڭ ئورنىدا مەيدانغا چۈشىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، نېيماردىن ئايرىلىپ قالغان پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى يەنە بۇرۇنقىدەك قالتىس جەڭ قىلالامدۇ؟ خانلىق مادرىد تەرەپتىن بولسا، گەرچە ئىلگىرى يارىلانغان تونى كىروس بىلەن مودرىچ كوماندا تىزىملىكىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىپادىسىگە بىر نېمە دىمەك قىيىن، زىدانىمۇ بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت يارىلىنىش تۈپەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان بۇ ئىككى ماھىرنى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن، ئاسېنسىئو بىلەن باسكىسنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى قالتىس بولماقتا، ئۇلار بەلكىم ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكىمۇ كۆپچىلىك دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا ھىساپلىنىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك