• مۇسابىقە جەريانىدا مەستانىلەر كىرىستىيانو رونالدوغا بوتۇلكا ئاتتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-07 01:09
  • مۇسابىقە جەريانىدا مەستانىلەر كىرىستىيانو رونالدوغا بوتۇلكا ئاتتى

    بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا، خانلىق مادرىد 1:2 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. 

    لېكىن، مۇسابىقە داۋامىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئەينەك بوتۇلكا كىرىستىيانو رونالدوغا تېگىشكە تاسلا قالغان. مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا كىرىستىيانو رونالدو كاللا توپ كىرگۈزدى ھەمدە تەبرىكلەش بىلەن بىرگە كارۋاخال بىلەن قۇچاقلاشتى، ئۇندىن كېيىن ئۇ مەستانىلەرگە قاراپ تەبرىكلەش ھەرىكىتى قىلغان بولۇپ، دەل مۇشۇ چاغدا بىر بوتۇلكا ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كەلگەن، تەلىيىگە يارىشا، بۇ بوتۇلكىنى ئاتقان كىشى «نىشاننى ياخشى توغۇرلىيالمىغان».

    «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بوتۇلكا كىرىستىيانو رونالدوغا تەگكەن بولسا تېخىمۇ زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مەستانىلەرنىڭ تەلۋىلىشىشى تۈپەيلى مۇسابىقە ئىككى قېتىم توختىتىلغان.

    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك