• پانۇس بايرىمىدا ئىتتىپاقلىق مېھرى بوغدا دوختۇرخانىسىدا كەڭ يايرىدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:52
  • پانۇس بايرىمىدا ئىتتىپاقلىق مېھرى بوغدا دوختۇرخانىسىدا كەڭ يايرىدى


    چاغاننىڭ 15-كۈنى يۈەنشياۋ(پانۇس)بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇ كۈندە ھەممە پانۇس ۋە لېنتىلارنى ئېسىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىريەرگە جەم بولۇپ يۈەنشىياۋ يەيدۇ.

    3-ئاينىڭ2-كۈنى شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ جىنتوۋمال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن «مىللەتلەرئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . يۈەنشىياۋ بايرىمىدا خوشال-خورام جەم بولۇش» پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى-كونا تۇغقانلاشقان تۇغقانلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قويۇق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرامنى قىزغىن تەبرىكلىدى.


    2017-يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچ قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىن جەمئىي 13جۈپ ئۇيغۇر-خەنزۇ قېرىنداشلارئۆز-ئارا تۇققانلاشقان بولۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدا نەمۇنىلىك رول ئويناشتا كۈچلۈك ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

     بۇ كۈندىكى پائالىيەتتە يەنە يېڭىدىن 8جۈپ ئۇيغۇر، خۇيزۇ، خەنزۇ قېرىنداشلار قوشماقلىشىپ تۇققان بولدى، ھەمدە ئۆز-ئاراسىردىشىپ، ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ھەربىر قەدەمدە قول تۇتۇشۇپ، ھەمنەپەس-تەقدىرداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى سېپىگە قوشۇلۇشقا تولۇق ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.



    «تاڭيۈەن كەلدى»، كۈلكە ئاۋازى بىلەن تەڭ، ئۇيۇشچانلىق، بەخت ۋە ئىللىقلىق مۇجەسسەملەنگەن تاڭيۈەنلەر ئۈستەلگە تارتىلدى، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ، بۇ «جەم بولۇش زىياپىتى»گە بەھۇزۇر ئېغىز تەگدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ساپ دوستلۇقىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزدى، قۇرۇلتاي روھىدىن ئۆگىنىش تەسىراتى ئوقۇلدى، پائالىيەت مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئىنىلار بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ، خوشال كەيپىياتتىن، تۇققانلىق مېھرى، "ئائىلە خوشاللىقى"دىن بىرلىكتە ھوزۇرئالغان ئۇشبۇ دەمدە ھەممەيلەندە بەخت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى جىلۋىلەنگەن ئىدى.

    مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرگىزمۇ يىراق ئەمەس، بىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلار ئارقىلىق، چىن مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى، تۇققانچىلىق مېھرىمىزنى مەڭگۈلۈك داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى باشلامچى كارخانىلاردىن بولايلى. بۇ شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، تۇققانلارمېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەشكىللىگەن يەنە بىر قېتىملىق پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك