• ھوللىۋود بىلەن بوللىۋودنىڭ قانداق پەرقى بار؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:19
  • ھوللىۋود بىلەن بوللىۋودنىڭ قانداق پەرقى بار؟

    ھوللىۋود بىلەن بوللىۋودنىڭ پەرقى:

    ھوللىۋود بىلەن بوللىۋود ھەر ئىككىلىسى دۇنيا داڭلىق فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بولۇپ، ھوللىۋودنى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان، بوللىۋود بولسا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە بارغانسېرى نامى چىقىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى.

    ھوللىۋود: ھوللىۋود 1870-يىللىرى كىچىك بىر گۇرۇپپا بولۇپ، 1903-يىللاردا بىر رايون دائىرىسىگە كېڭەيگەن، 1910-يىلى لوس ئانژىلسقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى باشلاپ، ئەڭ داڭلىق كىنو ئىشلەش شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

    بوللىۋود: بومبايدىكى ھىندى تىلىدا كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى. بوللىۋود ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ كۆپ قىسىمى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ھىندى تىلىنىڭ نۇرغۇن شېۋىلىرى بويىچە فىلىم ئىشلەيدۇ.

    ھوللىۋود بىلەن بوللىۋود: تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ پەرقى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    دەسلەپ ئىشلىگەن كىنولىرى:

    ھوللىۋود ئىشلىگەن ئاساسلىق كىنولاردىن «كونا كالىفورنىيە» (旧加利福尼亚) بولۇپ، 1910-يىلى DW Griffith سۈرەتكە ئالغان.

    بوللىۋودتا تۇنجى بولۇپ ئىشلەنگەن فىلىمنىڭ نامى «Raja Harishchandra» بولۇپ، 1913-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان.

    ئورنى:

    ھوللىۋود كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى لوس ئانژىلس شەھىرىگە جايلاشقان.

    بوللىۋودنىڭ مۇقىم ئورنى يوق. بۇ ئىسىم بۇ شىركەت ئىلگىرى بومبايدا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قويۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى «بومباي» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى.

    نامى:

    فىلىم ئىشلەش ئورنى كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانژىلس شەھىرىنىڭ ھوللىۋود رايونىدا بولۇپ، جايلاشقان ئورنىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

    بوللىۋودنىڭ نامى «بومباي»دىكى «B» بىلەن ھوللىۋودتىكى «ollywood»نى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.

    ئىشلىگەن كىنولىرىنىڭ سانى:

    ھوللىۋود يىلىغا 610غا يېقىن فىلىم ئىشلەيدۇ.

    بوللىۋود ئىشلەيدىغان فىلىم سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، يىلىغا 1000غا يېقىن فىلىم ئىشلەيدۇ.

    فىلىملىرىنىڭ باش تېمىسى:

    ھوللىۋود ھەرخىل تېما ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى كىنولارنى ئىشلەيدۇ.

    بوللىۋود ئائىلە، مۇزىكا ۋە دراما قاتارلىق تېمىلاردا فىلىم ئىشلەيدۇ. بوللىۋودتا كىشىلەر دراما، ھەرىكەتلىك، رومانتىك فىلىم، كومېدىيە قاتارلىقلاردىن ھوزۇرلىنالايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ %90 فىلىمى ئاساسەن ئوخشاش.

    فىلىملىرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى:

    ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 2 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئوتتۇرىدا ئارام ۋاقتى بولمايدۇ.

    بوللىۋود كىنولىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ ھەم ئوتتۇرىدا ئارام ئېلىش ۋاقتى بولىدۇ.

    ئۈنگە ئېلىنىشى:

    ھوللىۋودتا نەق مەيدان ئاۋازى ئۈنگە ئېلىنىدۇ.

    بوللىۋودتا ئالدىن ئېلىۋېلىنغان ئاۋاز قايتا قويۇلىدۇ.

    مۇزىكىسى:

    ھوللىۋود فىلىملىرىدىكى مۇزىكىلار پەقەت فىلىمگە ماسلاشقان بولىدۇ.

    بوللىۋود فىلىملىرىدىكى %99 ئادەم ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ھەر بىر فىلىمىدە 6-5 ناخشا بولىدۇ دېسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.

    ئىقتىسادىي مەنبەسى:

    ھوللىۋودتىكىلەر بېلەت كىرىمىگىلا تايانمايدۇ.

    بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى بېلەت كىرىمىگە تايىنىدۇ.

    تىلى:

    ھوللىۋود فىلىملىرى ئىنگلىز تىلىىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، بەزى چەتئەل تىللىرىمۇ بار.

    بوللىۋود فىلىملىرىدە ھىندى تىلى ئاساس قىلىنغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن تىللاردا فىلىم ئىشلەيدۇ.

    كىرىمى: ھوللىۋود كىنو-فىلىم ساھەسىدە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شىركەت.

    بوللىۋود بولسا كىرىم جەھەتتە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت.

    تېخنىكىسى:

    بوللىۋود فىلىملىرىدە ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ.

    بوللىۋود فىلىملىرىدە بولسا ئىلغار تېخنىكا ناھايىتى ئاز. چۈنكى فىلىملىرىدە ئانچە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىلىدىغان جايلار يوق.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك