• شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىڭىزنى «يۇيۇندۇرۇپ» باقتىڭىزمۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلنار
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:09
  • شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىڭىزنى «يۇيۇندۇرۇپ» باقتىڭىزمۇ؟

     تازىلىق ئۆيىنى بىز ھەر كۈنى ئىشلىتىمىز، شۇڭا ئۇنى پاكىز، قۇرغاق ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىپ تۇتۇشىمىز كېرەك.

    ئەگەر بۇ نەرسىلەر سەللا مەينەت بولسا باكتېرىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ مۇنچا بۇيۇملىرى. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇلارنى بىلىپ-بىلمەي نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ، بۈگۈن كۆپچىلىككە قانداق قىلغاندا بۇ كىچىك نەرسىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.

    چىش چوتكىسى

    چىش چوتكىسى كۈندىلىك شەخسىي تازىلىقىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالدۇر، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنى چوتكىلاشنىلا بىلىپ، چىش چوتكىسىنى تازىلاشنى بىلمەيدۇ.

    ئەمەلىيەتتە چىش چوتكىسىنى تازىلاش ئىنتايىن ئاددىي، ئاۋۋال سۇ بىلەن چىش چوتكىسىنى پاكىز چايقايمىز، ئاندىن قويۇقلۇقى %75 بولغان ئىسپىرتقا يېرىم سائەت چىلاپ قويساقلا بولىدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا چىش چوتكىسىنى ئۈچ-تۆت ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

    يۇغۇچ

    بەزى كىشىلەر يۇيۇنغاندا يۇغۇچ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يۇغۇچمۇ چىش چوتكىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت نەم ۋە زەي مۇنچىغا قويۇپ قويغاندا، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ.

    يۇغۇچنى قويۇقلۇقى %75 بولغان ئىسپىرتقا يېرىم سائەت چىلاپ ئالغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن پۈتۈنلەي پاكىز چايقاپ يېيىپ قۇرىتىمىز.

    ساقال تىغى

    ئەرلەر ئادەتتە ساقىلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ساقال تىغىنى ئاددىيلا چايقاپ قويىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ساقال تىغىدىمۇ باكتېرىيە پەيدا ببولىدۇ، شۇڭا ساقال تىغىنى تازىلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

    ئاياللار گىرىم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان پاختا ياپراقچىسىغا قويۇقلۇقى %75 بولغان ئىسپىرتنى چېچىپ، بۇنىڭ بىلەن ساقال تىغىنى تازىلايمىز. ئادەتتە ساقال تىغىنى قۇرغاق جايدا ساقلاش لازىم.

    تەرەت قاچىسى چوتكىسى 

    بۇنى تازىلاشمۇ بەك مۇھىم، ئاۋۋال سۇ بىلەن چوتكىنى چايقىۋالىمىز، ئاندىن قويۇقلۇقى %75 بولغان ئىسپىرت ئارقىلىق دېزىكفېكسىيەلەپ، قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇۋېتىمىز، دىققەت، چوتكىنى چوقۇم تولۇق قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن جايىغا قويۇش كېرەك.

    لۆڭگە

    لۆڭگىنى ئۇزاق ئىشلەتكەندە يىرىكلىشىپ كېتىدۇ، ئاۋۋال قويۇق تۇز سۈيى بىلەن لۆڭگىنى يۇيۇۋالىمىز، ئاندىن سۈيىنى سىقىپ تەكشى يايغاندىن كېيىن ئىسپىرتنى ئۈستىگە چېچىپ دېزىنفېكسىيەلەيمىز.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك