• رونالدو ئۆتكەن 13 مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 22 توپ كىرگۈزدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:00
  • رونالدو ئۆتكەن 13 مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 22 توپ كىرگۈزدى

    جىبوبا تورى 8-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى رونالدو ئۆتكەن 13 مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 22 توپ كىرگۈزگەن، بۇ پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى مۇسابىقىلەردىكى قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كوماندا سەپ شەكلىدىكى ئەڭ ھالقىلىق توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

    بۇ پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيانقى سەككىز مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدىلا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 12 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن سەركىلىك ئورۇندا تۇرماقتا، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى رېكورتنى ۋان نىستېلروي مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا ياراتقان بولۇپ، ئوخشاشلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئۇدا توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن.

    ئالدىنقى يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە رونالدو بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزگەن، مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، (تۇنجى ئايلانمىدا قالپاق ئويۇنى ئوينىغان)، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئىككى توپ كىرگۈزگەن، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاپوئېل كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە تۆت توپ، دورتموند كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈچ توپ، توتېنھام كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئىككى توپ، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.

    «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە مۇسابىقە پەسلىدە ئاللىقاچان 33 ياشقا كىرىپ قالغان كىرىستيانو رونالدو ئارام ئالدۇرۇشنى چۈشىنىشكە ھەم قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، ئۇمۇ ئىلگىرىكى مۇسابىقە پەسىللىرىگە ئوخشاش تولۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىسبىتىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان.

    مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بولۇپمۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە تېخىمۇ شۇنداق، ئۇ نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنلىك سالاھىيىتىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ساقلاپ كەلمەكتە، ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو يەنە ئۆتكەن بەش مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك