• تىرامپ تاموژنا بېجى قانۇنىغا رەسىمىي ئىمزا قويدى

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-09 02:32
  • تىرامپ تاموژنا بېجى قانۇنىغا رەسىمىي ئىمزا قويدى

    بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ساھەردە تىرامپ تاموژنا بېجى قانۇنىنى رەسمىي ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىمپورت قىلىنغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن ئايرىم-ئايرىم %25 ۋە %10 تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ، تاموژنا بېجى قانۇنى 15 كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

    تىرامپ تاموژنا قانۇنىنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى:«بىز چوقۇم مېتاللورگىيە كەسپىنى قوغدىشىمىز كېرەك، تاموژنا بېجى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم. سودا ۋەكىلى Lighthizer ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن باج ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. تاموژنا بېجىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە ئاشكارە پوزىتسىيەنى ساقلايدۇ.»

    تىرامپ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:«بىزمۇ خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تاموژنا بېجى جەھەتتىكى جانلىقلىقنى نامايەن قىلىشىمىز زۆرۈر. كونكرېت دۆلەتلەرگە قارىتا باج نىسبىتىدە كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولىمىز؛ كانادا ۋە مېكسىكىغا باج كەچۈرۈم قىلىمىز، ئەمما بۇنىڭدا NAFTA سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقىغا قارايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تاموژنا بېجىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى چىقىم نىسبىتىگە باغلايمىز. يەنە باشقا ھەربىي ئىتتىپاقداشلارنى باھالاش ئارقىلىق تاموژنا بېجىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماسلىقنى قارار قىلىمىز.» 

    تىرامپ ئاخىرىدا ئاقسارايدىكى سانائەت ئىشچىلىرىغا مۇنداق دېدى:«مەن سايلامدىكى ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇردۇم، بىر ئاخىرى تەدبىر قوللىنىپ، تۆكمە قىلىپ سېتىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدۇق. ئەگەر مەھسۇلات ئامېرىكىدا ياسالسا تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ.»

    سەل بۇرۇن كۆپلىگەن تارتقۇلار ئامېرىكىنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجى 15 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، كانادا بىلەن مېكسىكا چەكسىز باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاقساراي ھەممە دۆلەت باج تۆلەيدۇ دېگەن ئىدى. 

    مەنبەسى :سىن ا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك