• سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىز قانچىگە كىردى؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-13 02:25
  • سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىز قانچىگە كىردى؟

    پىسخىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەمنىڭ پىسخىك يېشى شۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بولىدىكەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ پىسخىك يېشى ئوخشىمايدۇ، پىسخىكىلىق يېشى شۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىز قانچىگە كىردى؟

    پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكىلەردىن پەقەت بىرىلا ئەرمىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىگىسى بىلەن تارتىلغان بولۇپ، سىزچە قايسىسى ھەقىقىي سۈرەت؟

    جاۋابلار:

    A. پىسخىكىلىق يېشىڭىز 25 ياشتىن 30 ياشقىچە

    سىزنىڭ نۇرغۇن ھېسسىيات كەچۈرمىشلىرىڭىز بولغان، شۇڭا، سىز ياندىكىنى قەدىرلەشنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسىز. بۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، شۇڭا سىز بىلەن بىللە بولغان كىشىلەر دائىم چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەركىنلىك ۋە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئىللىق قاينامغا چۆكۈپ كېتىدۇ. داغدۇغىلىق مۇھەببەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن قول يەتمەيدىغان نەرسىلەردەك ھېس قىلىسىز. سىزنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئۈمىد قىلىدىغىنىڭىز، ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەمنى تېپىشتۇر، ئىلگىرىكى ھېسسىيات كەچۈرمىشى بولغاچقا، سىز ھېسسىيات ۋە قەلب رىشتىسى دېگەنلەرنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدىغان ھەم ئارىدىكى مەسىلىنى تىنچ بىر تەرەپ قىلىشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولۇپ كېتىسىز. شۇڭا سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىز پىشىپ يېتىلىپ بولدى.

    B. پىسخىكىلىق يېشىڭىز 30 ياشتىن يۇقىرى

    ھازىرقى سىز نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئىدىيىرىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىز، ھېسسىياتقىمۇ ئۇنچە بېرىلمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، مۇھەببەتنىمۇ تەقدىرنىڭ پۈتكىنى بويىچە كۈتۈۋالماقچى بولدىڭىز، بۇنداق بولغاندا چارچىۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى بولمايدۇ. سىز بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ تىنچقىنە كىتاب كۆرىدىغانلاردىن ياكى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدىغانلاردىن. بەزى ئىشلار يۈز بەرسە-بەرمىسۇن سىز ئۈچۈن بەرىبىر بولۇپ كەتتى. سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى تىنچ كۆل يۈزىدەك دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. مۇھەببەتتە بىر-بىرىنى چۈشىنىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايسىز، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قىزغىن ھېسسىياتمۇ قالمايدۇ، تۇرمۇشتىكى ئاش-ناننىڭ غېمى رومانتىكلىقنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ قارشى تەرەپكە قويىدىغان تەلىپىڭىزمۇ ئىقتىساد مەسىلىسى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇمۇ ھەم كەلگۈسى ئەۋلادنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشىدىكى ئاساس بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئوبيېكىت جەھەتتىكى ئەتراپلىق ئويلىرىڭىز سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزدىنمۇ پېشقەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    C. پىسخىكىلىق يېشىڭىز 18 ياشتىن 24 ياشقىچە

    ئىلگىرى سىزنىڭ ئەستىن چىقارمىغۇدەك دەرىجىدە مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن دەۋرىڭىز بولغان، لېكىن سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ قويدىڭىز، شۇڭا سىزنىڭ ھازىرقى خاراكتېرىڭىز بىر قەدەر سالماق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەردەك پىكىر قىلالايسىز، مەسىلىگە يولۇققاندىمۇ ئاسانلىقچە چېچىلمايسىز. لېكىن سىزدە يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر گۆدەكلىك بار، ھېسسىيات مەسىلىسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلايسىز، كۈندەشلىكىڭىز كۈچلۈك، بۇنداق چاغدا قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيسىز يۇ، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئىشلارغا كەڭچىلىك قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويغىنىڭىز ئەۋزەل.

    D. پىسخىكىلىق يېشىڭىز 18 ياشتىن تۆۋەن

    سىزنىڭ پىسخىكىلىق يېشىڭىز تېخى قۇرامىغا يەتمەپتۇ، ھېسسىياتتا سىز ناھايىتى گۆدەك بولۇپ، تاھىر ۋە زۆھرەدەك ئاشىق ھېسكايىسىنىڭ يەنىلا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز، بەلكىم بۇنداق خىيالدا بولىشىڭىز سىزنىڭ تېخى ھېسسىيات مەسىلىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر، ھېسسىيات مەسىلىسىدە، سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئادەمگە قەلبىڭىزنى ئىپادىلەشتىن خىجىل بولىسىز، شۇڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز. بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز يەنىلا ئوخشاش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىسىز. گەرچە ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بىلەن بىللە بولالىغان بولسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىزنىڭ كەمچىللىكىدىن گۇمانخور بولۇپ كېتىشىڭىز، قارشى تەرەپكە ئورۇنسىز ئازار بېرىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھېسسىيات مەسىلىسى ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ، بىر-بىرىنى چۈشىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرىشىڭىز كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك