• كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى تىرامپنىڭ دېگىنىدەك «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق»مۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-13 12:36
  • كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى تىرامپنىڭ دېگىنىدەك «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق»مۇ؟

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كۆپ قېتىم «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق» ۋە «بەزى ئالىملارنىڭ ئىشسىز قالماسلىق ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان باھانىسى» دەپ ھۇجۇم قىلغان يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى دېگەن ئۇقۇم، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان تېما. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە فېنولوگىيە كۆزىتىش تورى قۇرۇلغاندىن كېيىن كىشىلەر ئاندىن سېستىمىلىق ھالدا كېلىمات ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە كىشىلەر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى كىلىمات ئىستاتىستىكىسىنى رەتلەپ چىقىپ، «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تېمپىراتۇرا تەخمىنەن ئىككى گىرادۇس ئۆرلىگەن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەرشارى كىلىمات ئۆگىرىشى تېمىسىنىڭ بىر ئەمەلىي پاكىتى. بۇ يەرشارىدا دەرۋەقە كىلىمات ئىللىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

    ھالبۇكى 1998-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئارلىقتا، كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇقلۇقى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى بۇنىڭلىق بىلەن بىراقلا ئۆرلەپ كەتمەستىن، بەلكى ئاستا ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىغان، ھەتتا توختاش يۈزلىنىشگە قاراپ ماڭغان.

    يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى بۇ خىل روشەن يۈزلىنىش «ئاستىلاشقا يۈزلىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى گۇمانىزىمچىلار، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى پەقەت قىسمەن ئالىملارنىڭ توقۇپ چىققان پەرىزى، ياكى بەزى كىشىلەر پارنىك گازى ۋە يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆرىنەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىكەن. بۇ زادى قانداق گەپ؟ ئەمەلىيەتتە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى تېمپىراتۇرا ئۆلچەش خاتىرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن سىرت، باشقا «پارنىك ئېففېكتى»غا ئالاقىدار مۆلچەرلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر تەقلىدىدىن كەلگەن بولۇپ، ۋاقىت ئارلىقى يۈز يىل ئىدى. شۇ سەۋەپتىن مۇتلەق توغرا بولغان سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىش ھادىسىسى بار دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى فېنولوگىيە تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىشىچە، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا تېمپىراتۇرىنىڭ ئىككى گىرادۇس ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ يۇقىرى بولۇشى نورمال ھادىسىگە تەۋە. ئالايلۇق مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى قېتىم «كىچىك مۇز دەۋرى» بولۇپ ئۆتكەن.

    ئەلۋەتتە يېقىنقى 20 يىللىق تېمپىراتۇرا يۈزلىنىشىدە ئاستىلاش كۆرۈلۈش ھادىسىسى، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، 1997-1998-يىللىرى ناھايىتى كۈچلۈك بىنورمال ئېلىئونېز ھادىسى ۋە كېيىن ئۇزۇن بىر مەزگىل تىروپىك بەلباغ تىنچ ئوكياندا كۆرۈلگەن يات ماددىلارنىڭ تەسىرىدە يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى «ئاستىلاشقا يۈزلىنىش» ھەرگىزمۇ يەرشارىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسسىپ كېتىشتىن ئاستىلىغانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلىق كۆزىتىشنىڭ چەكلىمىلىكى، شىمالى قۇتۇب رايونلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كەمچىللىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

    ئالياسكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەپەر پىروففېسورى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى جۇڭگودا يەرشارى سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرا مودىلىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇلار شىمالىي مۇز ئوكيان لەيلىمە ئېقىن بەلگىسىدە توپلانغان تېمپىراتۇرا سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ، يەرشارى تېمپىراتۇرىسىنى ھېسابلاشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى. خەلقئارا شىمالى قۇتۇب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاتموسفېرا ئالىمى جاڭ شىياڭدوڭ پىروففېسورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسىنى قايتا ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىش سۈرئىتى داۋاملىق ھەر ئون يىلدا 0.112 گىرادۇس ئېشىشنى ساقلىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى «يۈزلىنىشتە ئاستىلاش نەزىرىيىسى» دە ھېسابلاپ چىقىلغان ھەر ئون يىلدا 0.05 گىرادۇس ئاستىلاش بىلەن ئۇدۇل چىقمىغان.

    مەيلى يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئالدامچىلىق دەپ ئاتالسۇن ياكى شىمالى قۇتۇب سانلىق مەلۇماتىدىدا كەمچىللىك بار دېيىلسۇن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مۇھىت ئاسراپ، ئېنىرگىيە تېجەب، بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش، يەنىلا ھەربىر يەرشارىلىقنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى. يەرشارىنىڭ كەلگۈسى ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئۈمىدلىك ئەمەس.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك