• تويوتا Prius FFV ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-22 02:39
  • تويوتا Prius FFV ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلدى

    ئارىلاش ماتور تېخنىكىسى تىلغا ئېلىنسا ھەممىسىنىڭ ئېسىگە تويوتانىڭ Prius كېلىدۇ. يېقىندا تويوتا بېنزىن ۋە ئالكوھول يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئارىلاش ماتورلۇق Priusنى كۆرگەزمە قىلدى، كەلگۈسىدە بىرازىلىيە بازىرىغا سېلىنىشى مۇمكىن. 

    نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ FFV دەپ ئىسىم قويۇلغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ھازىرقى تويوتا Prius ئاساسىدا ياسالغان، سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى روشەن ئالاھىدىلىك بولسا پاكىز يېقىلغۇغا سىمىۋول قىلىنغان يېشىل رەڭلىك گۈل ئىشلىتىلگەن. 

    FFV ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بىرازىلىيە سان پاۋلو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنئەنىۋى بېنزىن يېقىلغۇ قىلىنغاندىن باشقا، يەنە E100 نومۇرلۇق ئالكوھول بېنزىننىمۇ يېقىلغۇ قىلىشقا بولىدۇ. بىرازىلىيە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئالكوھول ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغاچقا، مول ئېنىرگىيە بايلىقىغا ئىگە. تويوتانىڭ سىنىقىغا ئاساسلانغاندا، بېنزىن ۋە ئالكوھول يېقىلغۇ قىلىنغان ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئېنىرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ئۈنۈمى ھازىر سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىللاردىنمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. ئەگەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلسا 2050-يىلى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 2010-يىلىدىكىدىن %90 ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تويوتا بۇ تۈردىكى تېخنىكىلارنى تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە تۇراقلىقلىق، ماسلىشىچانلىق بويىچە سىناق قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسىدىمۇ قوش يېقىلغۇلۇق توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل چىقىرىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00