• ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى: توكسىكلىتنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-27 07:07
  • ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى: توكسىكلىتنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

    ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسىپلىرىدە ئىشلىتىدىغان توكسىكلىتنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ
    قاتناش قانۇنىغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلغان يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنىڭ شۇ ساھەگە قايتىدىن كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ

        ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە، مەملىكەت بويىچە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋىدىئولۇق يىغىنى ئېچىپ، پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسىپلىرىدە ئىشلىتىدىغان توكسىكلىتنى قاتناش قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشقا ئېنىق تەلەپ قويغان بولۇپ، پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈشنى تەرتىپكە سېلىش-تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، قارشىغا مېڭىش، قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ باشقۇرىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان، كۆپ قېتىم قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلار لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ چېكىندۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. مەنبەدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان توكسىكلىتلارغا قارىتا، دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛ كارخانىلار ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توكسىكلىت ئىشلەتكەندە، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەدرىجىي شاللاپ ئالماشتۇرۇش كېرەك.

        ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسىپلىرى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى تەرەققىي قىلىپ 20 مىڭدىن ئارتۇققا يەتكەن، تېز يوللانما كۈندىلىك مۇلازىمەت ئابۇنىچىسى 200 مىليون ئادەم (قېتىم) بولغان. بىراق، قىسمەن پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاتناش بىخەتەرلىكىگە سەل قارىغانلىقتىن، يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، قارشىغا مېڭىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ مېڭىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئومۇملىشىپ قالغان، بۇ، شەھەرلەرنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ پات-پات يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

       شۇنىڭ ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقارقىدەك ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسپى تەشكىلاتلىرى، كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق خىزمەت مېخانىزمى بىلەن ئىناۋەت بويىچە جازالاش مېخانىزمىنى تۈزۈپ، پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان توكسىكلىتنى باشقۇرۇشنى ئورتاق كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەتكۈزۈپ بېرىشنى باھالاش تۈزۈمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىلمىي تالون چۈشۈرۈش، تالون تەقسىملەش، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق بەلگىلىدى.

       يىغىندا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو ئەشىيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسپى تەشكلاتلىرى، كارخانىلىرىغا بىرلەشمە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ،  پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەپ، يول يۈرۈش تەرتىپىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۆزلىكىدىن قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مەدەنىي يول يۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى.

       جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى ئېلېكترونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېز يوللانما شۆبىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كەسپى تەشكىلاتلىرى ساھە بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، كەسىپنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش باشلامچىلىرىدىن بولۇش لازىم. كارخانىلار بىرلەشمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتكۈزۈپ بەرگۈچى خادىملارغا ئىجازەت مېخانىزمى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش تۈزۈش لازىم. ساھەلەرنىڭ ئىناۋەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يەتكۈزۈشكە قارىتا، يەتكۈزۈپ بەرگۈچى كارخانىلار ھەمدە يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنى ئىناۋەت بويىچە باشقۇرۇش، قاتناش بىخەتەرلىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك بولمىغان كارخانىلارنى ئاشكارىلاپ، ناچار كارخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىغا يەتكۈزۈش؛ قاتناش قائىدىسىگە كۆپ قېتىم ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان يەتكۈزۈپ بەرگۈچى خادىملارنى پۈتۈن ساھە بويىچە چېكىندۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىشنى مەنئىي قىلىشنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.

        بىر قانچە پوسۇلكىنى تېز يەتكۈزۈش، تېز تاماق يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك باشلامچى بولۇش. ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يەتكۈزۈپ بېرىش قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئالدىن ئىشلىتىش، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشلىتىۋاتقان توكسىكلىتنى شاللاش لازىم. يەتكۈزۈپ بېرىش تۈزۈمىنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي تالون چۈشۈرۈش، تالون تەقسىملەش، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىش، باھالاش تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئىچكى تەربىيلەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش خادىملىرىنى چېكىندۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىشىنى مەنئىي قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00