• ياپونىيەلىكلەر نېمىشقا ماشىنا ھەيدەشكە ماھىر ئەمەس؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 01:31
  • ياپونىيەلىكلەر نېمىشقا ماشىنا ھەيدەشكە ماھىر ئەمەس؟

    ياپونىيەلىكلەرنىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋىيەسى دۇنيا مىقياسىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دېيىشكە بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ liverdoor خەۋەرلەر تورىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭ زادى نېمە ئۈچۈنلىكىگە قاراپ باقايلى.

    ياۋروپادا، مەيلى ئاياللار بولسۇن ياكى ياشانغانلار بولسۇن، قول خوتلۇق ماشىنىنى ئاسانلا ھەيدىيەلەيدۇ. چۈنكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىلارغا سېلىشتۇرغاندا، قول خوتلۇق ماشىنىنىڭ باھاسى تۆۋەن، ماي سەرپىياتى ئاز، ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە موفتىدا مەشغۇلات قىلغاندا، ھەر قانداق جايدا راۋان ھەيدىيەلەيدۇ.

    گېرمانىيەدە ياشانغانلار چەكسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندىمۇ تەمكىنلىك بىلەن 200 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرەلەيدۇ.

    پارىژدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ماشىنا توسۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تار كوچىلار بىلەن يېقىن يولنى تاللاپ ماڭىدۇ، گەرچە يوللار تار بولسىمۇ، ئەمما ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ئازاراقمۇ ئاستىلاپ قالمايدۇ. يامغۇر ياغقان كۈنلەردە يوللار تېيىلغاق بولغان تەقدىردىمۇ بىر قەدەر تېز ماشىنا سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا تېز سۈرئەتتە تەتۈر يۆلىنىشكە بۇرۇلالايدۇ.

    شىۋېيتسارىيە، فىرانسىيە ھەمدە شىمالىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كوچىلىرىدىكى شەخسى ماشىنىلارنىڭ تېز يۆتكىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ سىگنال چىرىغى يوق ھالقىسىمان كېسىشمە يول ئېغىزىدا، ئەتىگەندىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ماشىنىلار بىر قەدەر كۆپ، بىر يولدىلا ماشىنىلار ناھايىتى زىچ بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە ئەتىگەندە تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قىس بولۇپ كېتىپ، كىم بالدۇر كەلسە، شۇ قويۇۋالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما كونا شوپۇرلار يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئورۇننى بەلگىلەپ، تېزلا ماشىنىنى توختىتىدۇ، ئارتۇقچە توسالغۇ پەيدا قىلمايدۇ.

    ياۋروپادىلا ئەمەس، ئامېرىكىلىقلارمۇ ماشىنىنى خېلىلا تېز ھەيدەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك شۇكى، شەھەر رايونىدىكى ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 60-80km/h قا يىتىدۇ. شۇڭا ياپونىيەگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىلىقلار ماشىنا ھەيدىگەندە ئاسانلا جىددىي تورمۇز قىلىدۇ. ماشىنىدا يۈرۈش، ماشىنىنى توختىتىش ئارىلىقىدىكى بۇ خىل تۇيۇقسىز ئالمىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئامېرىكىدا دائىم ياشانغانلارنىڭمۇ ئىنتايىن تەمكىن ھالدا SUV ماشىنىسىنى ھەيدەپ جىددىي تورمۇز قىلغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

    ئۇندىن باشقا، ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى شەھەر مەركىزىدە، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت، ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتلەر يولدا ئارىلاش ماڭىدۇ، ئەمما چوڭ ماشىنىلار بىلەن كىچىك ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ مېڭىشى ناھايىتى ياخشى، ئىنتايىن چاققان مەشغۇلات قىلىدۇ.

    ئۇنداقتا ياپونىيەلىكلەرنىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋىيەسى نېمىشقا ياخشى ئەمەس؟ بەلكىم يوللارنىڭ شارائىتى بەك ياخشى، قاتناش چىرىغى ۋە بەلگىلەر ئىنتايىن تولۇق، ھەممە ماشىنىلارغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يول باشلاش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئەكسىچە ماشىنا ھەيدەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن.

    ئۇندىن باشقا، خەلقنىڭ مىجەز خاراكتېرىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيەلىكلەر سەل ئىچ مىجەز، جىمىغۇر. مىجەز-خاراكتېر ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ، ياپونىيەلىكلەر ماشىنا ھەيدەپ يولدىن ئۆتكەندە دائىم بىر-بىرىگە يول بېرىدۇ. زىيادە ئاكتىپ ماشىنا ھەيدەش ئۇسلۇبى ئەكسىچە كىشىلەرگە ئانچە ماھىر ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بولۇپمۇ يەكشەنبە ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا، يولدىكى تاكسى ماشىنىلار، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان ماشىنىلار بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ئوينىغىلى چىقىدۇ. شۇڭا قارىماققا شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋىيەسى ئانچە ياخشى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ.

    شۇڭلاشقا، مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە شارائىتى بىلەن يول باشلاش سىستېمىسى، پۇختا خەلقچىللىق ياپونىيەلىكلەرنىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00