• لېي جۈن سەھەر سائەت ئىككىدە ئىشتىن چۈشىدۇ، لىيۇ چاڭدۇڭ تۆتتە سائەت ئۇخلايدۇ سىزچۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 02:51
  • لېي جۈن سەھەر سائەت ئىككىدە ئىشتىن چۈشىدۇ، لىيۇ چاڭدۇڭ تۆتتە سائەت ئۇخلايدۇ سىزچۇ؟

    ھەر كۈنى سىزنى ئويغىتىدىغىنى ئارزۇلىرىڭىزمۇ ياكى سائىتىڭىزمۇ؟ بۇنىڭغا ھەر كىشىنىڭ جاۋابلىرى ئوخشىمايدۇ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى زاتلارغا قارىساق، ئۇلارنىڭ كۈندە ھەر خىل پائالىيەت، يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى، زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلىشىنى بەك پەيزىكەن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە مبايلىقى ھېسابسىز تۇرىدىغان ئۇلارنىڭمۇ كۈنى بىز خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش شۇنداق ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئۇلار بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن، كۈندە 12 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە سەھەر سائەت بىردە ئىشتىن چۈشىدىكەن، شۇڭا ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشلىرىغا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ شۇنچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپمۇ يەنىلا تىرىشۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشماسلىقىغا يەنە باھانە تاپالامسىز؟  

     

    شياۋمى شىركىتىنىڭ ھازىرقى كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ يەتتە يىلدا تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەنلىك سەۋىيەگە يەتكەن.  شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا پۈتكۈل شىركەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان لېي جۈن يەنىلا كۈندە جاپالىق خىزمەت قىلماقتا. شىياۋمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش مۇدىرى چى يەننىڭ ئاشكارلىشىچە، لېي جۈن ھەر كۈنى سەھەر سائەت بىردە ئىشتىن چۈشىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تاماق ۋاقتى ناھايىتى قانۇنىيەتسىز ئىكەن. ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن 4-5 لەردە چۈشلۈك تاماق يەيدىكەن، كەچلىك تاماقنى يىگۈچە ئاللىبۇرۇن يېرىم كېچە بولۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا شىركەتنىڭ ئاشخانىسىدا لېي جۈننى كۆرگىلى بولمايدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى بويىچە بولغاندا ھېچكىم تاماق ۋاقتىغا ئۈلگۈرەلمەيدىكەن.

    «جۇڭگوچە ئامازون» دەپ ئاتىلىدىغان جىڭدوڭ تور سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ چياڭدوڭنىڭ ھەر كۈنى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئانا مەكتىپى سۇچىيەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە نوتۇق سۆزلىگەندە، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 سائەتكە يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە ئارام ئالىدىغانلىقىنى، پەقەت تۆت سائەت ئۇخلاپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئايرودرومغا بارىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دائىم ئايروپىلاندا كىتاب ئوقۇۋېتىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋېتىدىغانلىقىنى دېگەن.

    جۇڭگودىكى پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ بىر بولغان ما يۈن رايىش بولۇپ، ئۇ مۇخبىرنىڭ يەنە بىر قېتىمقى خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى سوئالىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن: «مەن كېيىنرەك ئورنۇمدىن تۇرىمەن، چۈنكى ئەلى بابادا نۇرغۇن خىزمەتچىلەر بار، شۇڭا مەن كونكرېت ئىشلارنى قىلمىساممۇ بولىدۇ. لېكىن مەن سەيلە قىلغان، يۇيۇنغان، چۈش كۆرگەن، ھاجەتخانىغا كىرگەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە خىزمىتىمنى ئويلايمەن، مەن شىخۇ كۆلىدە چىنىقۋاتقاندەك كۆرۈنسەممۇ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كاللام تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. چۈنكى بۇ بىر مەسئۇلىيەت، بىر خىل قىزغىنلىق.» شۇنىڭغا قارىغاندا ما يۈننىڭ كاللىسى جىسمىدىنمۇ بەك چارچايدىكەن.

    360نىڭ قۇرغۇچىسى جوۋ خوڭيىمۇ ناھايىتى ئالدىراش يۈرۈيدىغان پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ما يۈنگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىزمەت ۋاقتىنىڭ 12 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن ھەتتا بىرەر قىزىقىشىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، بەزىدە ئىشخانىسىدا مۇزىكا ئاڭلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    دۆلەت ئىچىدىكى پەن-تېخنىكا زەردارلىرىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خەلقئارادىكى پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭمۇ ھەر كۈنلۈك خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق. مەسىلەن، ئۇچۇر ئاشكارلىنىپ قىلىش ئەندىزىسىگە يولۇققان فېيسبۇكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى زاكېربېرگنىڭ مال-دۇنياسى گەرچە ھەددى-ھېسابسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەر كۈنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ ھەممىدىن كېيىن قايتىپ، دائىم شىركەتتە كەچ سائەت سەككىزگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن. خىزمەتكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، زاكېربېرگ ئۆينىمۇ شىركەت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغانىكەن.

    ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئېغىر. ئۇ ئەزەلدىن يىللىق دەم ئالمايدۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن 3:45تە ئورنىدىن تۇرۇپ بىرىنچى بولۇپ شىركەتگە كېلىدىكەن، يېرىم كېچىگىچە ئىشلەپ ھەممىدىن كېيىن قايتىدىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى سەھەر سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا تىم كۇكنىڭ ئېلخەت يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن چېنىقىش ئۆيىگە ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىقىپ كېتىدىكەن.

    پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى پولات پالۋان ئېلون ماسك تېسلا، SpaceX قاتارلىق كۆپلىگەن شىركەتلەرنى قۇرۇپ، ئىزچىل «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر» سېپىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۇنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 100 سائەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەك ئالدىراش بولغاندا ياكى ھەل قىلىدىغان مۇھىم ئىشى چىققاندا زاۋۇت ياكى ئىشخانىسىدىكى ئۇخلاش خالتىسىدىلا ئۇخلاپ، ئىشچىلار بىلەن بىللە ئىشلەپ، سەھەر سائەت ئۈچلەردە ئاندىن ئۇخلايدىكەن. ئېلون ماسكنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، يەنە ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بەش بالىسى بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. قارىغاندا، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پەرزەتلىرىگە ھەمراھ بولۇشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارامى ئوخشايدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك