• بۇنداق يىگىتلەر قىز دوست تۇتالمايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 02:19
  • بۇنداق يىگىتلەر قىز دوست تۇتالمايدۇ

    ئەتراپىمىزدا دائىم ئۆزىنىڭ ئايپاتەم (بويتاق) بولۇپ قالغىنىدىن ئاغرىنىدىغان نۇرغۇن قىزلار بار. ئەجەبلىنەرلىكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن يىگىتلەر تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ؟
     بىر قىسىم قىزلاردىن سورىغاندىن كېيىن، يىگىتلەردە ساقلانغان ھەر خىل كەمچىلىكلەر تۈپەيلى ئۇلارنىڭ بۇ يىگىتلەر بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدىم. بىر قانچە نۇقتىنى يىغىنچاقلىدىم، تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي
    1. ئالغا ئىلگىرلەش روھى يوقلار
     ئالغا ئىلگىرىلەش روھى قىزلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، سىز ئېگىز، كېلىشكەن، باي بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن سىزدە ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى قىزلار ئوغۇل دوستىنىڭ ئالغان ئىلگىرىلەش روھىنى كەلگۈسىدىكى كاپالەت دەپ ئويلايدۇ، ھازىر جاپا تارتسىمۇ چىن كۆڭلىدىن رازى بولىدۇ. لېكىن سىز ھەر كۈنى ئويۇنلا ئوينايدىغان، دەرستىن قاچىدىغان، ھورۇن، مەسئۇلىيەتسىز بولسىڭىز، ھازىر قىز دوستىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ سىز بىلەن بىللە بولسا كەلگۈسىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئاستا-ئاستا سىزدىن يىراقلىشىدۇ.

    2. مۇددىئاسى ساپ ئەمەس
    جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ ئېچىۋېتىلىشى ۋە كىنو فىلىملەرنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن ئوغۇللار بىر كېچىلىك مۇھەببەت نامىدا قىز دوست ئىزدەپ، تونۇشقىلى ئۇزاق بولماي ياكى بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپلا قارشى تەرەپنىڭ ئوغۇل دوستى بولماقچى بولىدۇ، ھەتتا قىزلارنىڭ زىتىغا تېگىدۇ، بۇنداق قىلسا قىزلا قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ بۇنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى سىزنى تېخى چۈشەنمەيدۇ، ياكى قىزىقمايدۇ.

    3. ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىدىغانلار
      بۇنداق ئوغۇللار ئۆزىنى بەك قالتىس دەپ ئويلايدۇ، ئۇلارمۇ ھەم يۈرۈش-تۇرۇش ياكى بوي ئېگىزلىكى، ئاۋاز جەھەتتە بولسۇن ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئادەتتىكى قىزلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي ھۆرمەتلىمەيدۇ. چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە خۇشامەت قىلىپ ئاخسالىق قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ھەممىنى بىلىمەن دەپ ئويلاپ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ كۆرەڭلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە قىزلار بۇنداق ئوغۇللارغا بەك ئۆچ بولۇپ، كەمتەر بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغان ئوغۇللار ئۆزىگە بەك يۇقىرى باھا قويغاچقا، ئۆزىنى چىرايلىق قىزلار بىلەن بىللە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا قىزلارنىڭ كەمچىلىكىنى تاللاشقا ئامراق كېلىدۇ: بۇ بەك پاكاركەن، مەن بۇنداق سېمىز قىزنى ياقتۇرمايمەن، ئاۋۇنىڭ فىگۇرىسى چىرايلىقكەن، لېكىن بەك سەتكەن، دەپ ئالدىغا كەلگەن قىزنى ياراتمايدۇ. شۇڭا ئوغۇللار شۇنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەككى: ھەممە كىشى ساھىبجامالغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئىشەنچ بولۇشى كېرەك، لېكىن ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلىماسلىق كېرەك.

    4. مەينەت
      چىرايلىقچە ئېيتقاندا بۇنى كىچىك ئىشلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ دەيمىز، لېكىن ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە مەينەتلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزى ئوغۇللار غەلىتە، مەينەت كىيىنىپ يۈرۈيدۇ، چېچىنىمۇ كەستۈرمەيدۇ، گەپ قىلسا ئاغزىدىن چىققان پۇراقتىن كىشى ئايلىنىپ چۈشىدۇ، ھەتتا ھەپتىلەپ مۇنچىغا چۈشمەي، كىيىممۇ يۆتكىمەيدۇ.
    قىزلار بۇنداق ئوغۇللاردىن يىرگىنىدۇ. بۇنداق ئوغۇللارنىڭ يېنىدىن ئۆتسە بىرخىل سېسىق پۇرايدۇ، بۇنداق تۇرسا كىممۇ سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولۇشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟
    ئەمەلىيەتتە ئوغۇللارنىڭ چىرايى ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت پاكىز، رەتلىك كىيىنسىلا ياخشى تەسىر قالدۇرالايدۇ، مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى ياخشى تەسىر قالدۇرۇشتىن باشلىنىدۇ.

    5. پىخسىق، ئىچى تار
    بەزى ئوغۇللار بەك زىغىرچى كېلىدۇ، باشقىلاردىن كۆپرەك ئىش قىلىپ قويسا ئاچچىقلايدۇ، قىزلار ئىككى ئېغىز ئارتۇق سۆزلەپ قويسا نەپرەتلىنىپ، ئۆچ ئېلىشقا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدۇ، كۆڭلى-كۆكسى بەك تار.
    تېجەشلىك بولۇش پىخسىق بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. بىر ئوغۇل بالا ياتاقدىشىمنى قوغلاشقاندا تونۇشۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ياتاقدىشىمغا تاماق توشۇتقۇزغان، سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا، ماشىنىغا چىقسا پۇل كېتىدۇ دەپ ئىككىسى بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەن.
    ئۇسساپ كەتسە سۇ ئېلىشقىمۇ كۆزى قىيمىغان، ئاخىرىدا ياتاقدىشىم چىدىماي ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن قايتىپ كېلىپلا ئايرىلىپ كەتتى. باشقىلارنى قوغلاشقاندىمۇ مۇشۇنداق پىخسىقلىق قىلسا، كەلگۈسىدىن قانداق سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

    6. بىلىمسىز
    بەزى ئوغۇللار ھەر كۈنى تېتىقسىز كىنولارنى كۆرۈپ، ئېغىزىدىن تېتىقسىز چاقچاقلارنى چۈشۈرمەيدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ تېتىقسىز چىراي ئىپادىسىنى قوشسا قىزلارنى قېچىپ كېتىدۇ. قىزلار بىلىملىك، بىرەر ئارتۇقچىلىقى بار ئوغۇللارغا ئامراق، ئوغۇللارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر ئىش قىلىۋاتقاندىكى ۋاقتى ئەڭ كېلىشكەن دەپ قارايدۇ. گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغاندا، مەنىلىك شېئىرلارنى توقۇسا؛ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كەسپىي بىلىم بىلەن چۈشەندۈرسە تېخىمۇ كېلىشكە بولۇپ كېتىدۇ.

      يۇقىرىقىلار ئوغۇللارنىڭ قىزلار ياخشى كۆرمەيدىغان يېتەرسىزلىكى، قىز دوست تاپماقچى بولسىڭىز كۈندە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرمەي، ئىشنى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك