• شوپۇرلۇق ئىمتىھانى پەنلىرى بويىچە 1-پەندە توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنامدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 02:47
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى پەنلىرى بويىچە 1-پەندە توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنامدۇ؟

    يېقىندا، ئالاقە تورىدا 4-ئايدىن كېيىن شوپۇرلۇق ئىمتىھانى پەنلىرى بويىچە 1-پەننى توردا 40 سائەت ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاندىن بەرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپ تارقالغانلىقتىن، بەزى تورداشلار بۇنىڭغا گۇمانىي قاراشتا بولدى. قاتناش مىنىستىرلىقى تورداشلارنىڭ سوئالىغا چۈشەنچە بېرىپ: توردىكى تېمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ ھەممىسىگە توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، دېگەن خەۋەر ئىشەنچىلىك ئەمەس، دېدى.

       قاتناش مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاتناش مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇر تەربىيەلەش توردا يىراق مۇساپىلىك نەزەرىيە ئوقۇتۇش تېخنىكا قائىدىسى» 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، توردا يىراق مۇساپىلىك نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش دەرسى (پارچە) ھەمدە يىراق مۇساپىلىك مائارىپ سۇپىسى ئىقتىدارى، تېخنىكىلىق تەلەپ، تىجارەت مۇلازىمىتى، دەرس (دەرس دېتالى) سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتىنى باھالاش قاتارلىق تەلەپلەر قېلىپلاشتۇرۇلغان؛

       قاتناش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلىتىمىز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئوقۇتۇش سائىتىگە چەك قويۇشنى ئىزچىل يولغا قويۇۋاتىدۇ، كۇرسانتلار شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە « موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇر تەربىيەلەش دەرسلىكى ۋە ئىمتىھان پروگراممىسى»دا بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋاقتى، ئۆگىنىش مەزمۇنى قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش توردا يىراق مۇساپىلىك نەزەرىيە ئوقۇتۇش تېخنىكا قائىدىسى» «پروگرامما» نەزەرىيە ئوقۇتۇشىدىكى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش قىسمىنىڭ تېخنىكا ۋە مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھان ھالقىلىرى، تەرتىپى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىشكە چېتىلمايدۇ. 

        قاتناش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاتناش مىنىستىرلىقى بىلەن ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تارقاتقان «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇر تەربىيەلەش ئوقۇتۇشى ۋە ئىمتىھان پروگراممىسى» (قاتناش ترانسپورت [2016] 128-نومۇرلۇق) دا، دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن يىراق مۇساپىلىك تور ئوقۇتۇشى بىرلەشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئالتە سائەتتىن كەم بولماسلىق تەشەببۇس قىلىنغان. توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش نەزەرىيە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، كۇرسانتلار ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ.

        قاتناش مىنىسىتىرلىقى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: توردىكى تېمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ ھەممىسىگە توردا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلغانلىقى راست خەۋەر ئەمەس. ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇر تەربىيەلەش توردا يىراق مۇساپىلىك نەزەرىيە ئوقۇتۇش تېخنىكا قائىدىسى» نى تارقىتىپ، ئاساسلىقى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججەتلىرىگە بولغان تەلەپلەرنى يەتكۈزگەن ۋە قايتا تەكىتلىگەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاتناش تىرانسپورت نازارىتى بۇ خەۋەرگە دىققەت قىلغاندىن كېيىن تاراتقۇلاردا چۈشەنچە بەرگەن. كۇرسانتلار شوپۇرلۇق مەكتىپى مۇلازىمەت ئەندىزىسى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەمدە ھەق ئېلىش ئۇسۇلىغا چېتىلىدىغان مەسلىھەتلەرنى شۇ جايدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن سورىسا بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00