• WiFi ئاچقۇچىنىڭ مەخپىي نومۇر تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ماھىيىتى ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-31 02:17
  • WiFi ئاچقۇچىنىڭ مەخپىي نومۇر تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ماھىيىتى ئېچىلدى

    تۈنۈگۈن مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى «يېرىم سائەتلىك ئىقتىساد» پىروگراممىسىدا WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچى (WiFi万能钥匙) قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار بارلىق WiFi ئۇچۇرىنى ئۆزىنىڭ ئارقا سۇپا پىروگراممىسىغا كىرگۈزىغانلىقى، ئىستېمالچىلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىلا ئىستېمالچىلارنىڭ يانفونى بۇ دېتاللانىڭ بىر كۆچمە جاسۇسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ئاشكارە ئېلان قىلىندى. 

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار ئىستېمالچىلارنىڭ يانفونىدىن پايدىلىنىپ، يانفون ئەتراپىدىكى ۋە ئۆتكەن ئورۇنلاردىكى WiFi ئۇچۇرىنى ئوغرىلاپ، ئاندىن بۇ WiFiلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلاپ، ئىستېمالچىلار ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ ئۇچۇرلار ئارقا سۇپىغا يەتكۈزۈلىدىكەن، بارلىق مەشغۇلات ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي تاماملىنىدىكەن. 

    بۇنىڭغا قارىتا WiFi ئاچقۇچى تەرەپ قايتۇرغان ئىنكاستا ئېيتىلىشىچە، كىشىلەر WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچىنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدىكەن، ئەمما WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچىنىڭ مېخانىزمى مەخپىي نومۇر يېشىش بولماستىن، WiFi ھەمبەھرلەش ئىكەن، ئۇ WiFi مەنبەسىنى ھەمبەھرلەش ئۇسۇلىدا ئابۇنتلارنىڭ بىخەتەر تورغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن. 

    WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، WiFi ئۇنىۋېرسال ئاچقۇچى ئىزچىل تۈردە مەخپىي نومۇر قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، مەخپىي نومۇرنى 128 بىتلىق غەيرىي سىممېتىرىك شىفىرلاپ، كۆرۈنمەيدىغان قىلىدىكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان مەخپىي نومۇر كۆرۈش ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە شيامېندىكى مەلۇم كارخانىنىڭ «WiFi ئاچقۇچى» بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ رۇت قورالى بولۇش زۆرۈر ئىكەن. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك